باش بەت

Apple

82يوللانما
6مەستانە

ئاپتوموبىلغا قانداق ۋاقىتتا قانداق ئاپتول ئالماشتۇرۇلىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 19:00 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاپتوموبىل ئاسراش خىزمەت ھالقىلىرى ئىچىدە، ئاپتول ئالماشتۇرۇش ئاسان ئەمما كىشىنىڭ كاللىسىنى قايماقتۇرىدىغان بىر ئىش. ئاپتول ماتورنىڭ قېنى، ئۇنىڭ سىلىقلاش رولىدىن باشقا، سوۋۇتۇش، تازلاش، داتلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەۋرەشنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق پايدىلىق تەرەپلىرى بار. ئادەتتە شوپۇرلار ئاپتول ئالماشتۇرۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىمىز. 

قايسى خىل نومۇردىكى ئاپتولنى قۇيۇش

ئاپتول نومۇرى بولسا كونا شوپۇرلارنىڭ دائىملىق پاراڭ تېمىسى، بۇ توغرىسىدا تورلاردىمۇ يازمىلار كۆپ، مەزكۇر يازمىدا ئاپتول ئالماشتۇرۇشتىكى كىچىك ھالقىلارنى تەپسلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز. ئادەتتە شىماللىقلار «ow» ئاپتولىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، باشقا رايونلار «5w»نى ئىشلىتىدۇ. يېڭى سېتىۋېلىنغان ئاپتوموبىللارغا يېپىشقاقلىق دەرىجىسى «30، 40»لىق ئاپتوللارنى ھەم يەنە بىر قىسىم ئاپتوموبىللارغا يېپىشقاقلىق دەرىجىسى «20»لىق ئاپتولنىىمۇ قۇيىدۇ، ئاپتولنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

قايسى ۋاقىتتا ئاپتول ئالماشتۇرۇش

قايسى ۋاقىتتا ئاپتول ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى كۆپلىگەن شوپۇرلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى بولسا كېرەك. ئادەتتە ئاپتوموبىل ئاپتولىنى ئالماشتۇرۇش دەۋرى ئىككى نۇقتىنى ئاساس قىلىپ بېكىتىلىدۇ، باسقان مۇساپىسى ھەم ئىشلىتىش ۋاقتى، قايسى ئۇزۇن بولغان بولسا شۇنى ئاساس قىلىپ ئاپتول ئالماشتۇرسا بولىدۇ. ئاپتولنىڭ تۇرغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە سۈپىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش قىسقا ۋاقىتتا يىراق مۇساپىغا چىققان بولسا، شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنىمۇ ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

قارىداپ قالغان ئاپتولنى ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟

شوپۇرلار ئاپتول تاياقچىسى ئارقىلىق ئاپتول ئەھۋالىنى قەرەرلىك تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئادەت، بىر قىسىم شوپۇرلار ئاپتولنىڭ ئەسلى رەڭگىدىن بەكرەك قارىداپ قالغانلىقىنى كۆرسىلا ئالماشتۇرىدۇ، بىراق بۇنى بەكمۇ ئاقىلانىلىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئاپتول قارىدىمىسا مەسىلە بار دېگەن گەپ. نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان كۆپ قىسىم ئاپتوللارنى ئىشەنچىلىك دېيىشكە بولىدۇ، ئاپتولغا ئارىلىشپ قالغان توپا ياكى باشقا مايلار ئاپتولنىڭ قارىداپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن بۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. تېز رېمونتخانا ياكى 4S دۇكانلىرى مۇساپىسى 1000 كىلومېتىرغا توشمىغان بولسا ئاپتول ئالماشتۇرمايدۇ.

ئاددىي ئاپتول سۈپىتىگە دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى:

سۈزگۈچ (فىلتىر) قەغىزىدىن بىرنى تەييارلاپ، ئاندىن ئاپتول تاياقچىسىنى چىقىرىپ تەييارلىۋالغان قەغىزىمىزگە بىر نەچچە تامچە تېمىتىپ 24 سائەت كۆزىتىمىز. 

ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى:

ماي ھالقىسى، كېڭىيىش ھالقىسى ئوتتۇرىسىدىكى چۆككەن ياكى سۈمۈرۈلگەندىن كېيىنكى رەڭ قانچە سۇس بولسا سۇنچە ياخشى بولىدۇ.

ئوتتۇرىسىدىكى چۆككەن (سۈمۈرۈلگەن) ھالقىنىڭ رەڭگى قانچە قېنىق بولسا ئارىلىشىپ قالغان ماددىلارنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ.

تېمىتقاندا قانچە كېڭەيسە ئىشلىتىش ئۆمرىنىڭ شۇنچە ئۇزۇنلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

قايسى ماركىدىكى ئاپتولنى تاللاش كېرەك

ماركىنى ئاساس قىلىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئاپتول نومۇرى. ئوخشىمىغان ماركىلارنىڭ نېفىت ئايرىش تېخنىكىسى ۋە خۇرۇچ تېخنىكىلىرى ئارىسىدىكى پەرق ناھايىتى كىچىك، بىر نەچچە چوڭ نېفىت شىركىتى نېفىتنى ئاساس قىلىدۇ ھەم خۇرۇچ تېخنىكىسىمۇ داڭلىق. ئاپتول تاللاشتا ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىل ئاسراش چۈشەندۈرۈش كىتابىدىكى تەۋسىيە قىلىنغان ئاپتول نومۇرىنى ئاساس قىلىپ ئاپتول قۇيسا ئەڭ ئاقىلانىلىك بولىدۇ.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەرگىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوللىرىنى قۇيۇشقا ئۇرۇنماڭ، چۈنكى ئۇنداق ئاپتوللارنىڭ ھەممىسى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، پەقەت بىر قېتىملىق مۇسابىقىگىلا ئىشلىنىدۇ. ھەر نەرسە ئۆزىگە ئەڭ ماس كەلگىنى بىلەن گۈزەل.

ئۇنىڭدىن باشقا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاپتوموبىلىنى بىر مەزگىل ھەيدىگەندىن كېيىن ئاپتول ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا ھەم كېيىنكى قېتىم ئاپتول ئالماشتۇرغاندا ئاپتولنىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ماتور بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇپراش كۈچىيىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يېپىشقاقلىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرغاندا سىلىندىردىكى ھاۋا زىچلىقى بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقى ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپتولنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كۆيۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۇسۇلى قوپال، دائىم يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئايلىنىش قېتىم سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق ئاپتوموبىللارغا قارىتا ئاپتول يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号