باش بەت

ئابدۇجېلىل سەمەت

73يوللانما
0مەستانە

ئايال ئىچ كىيىمىگە تىقىۋالغان 124 ئالماس شېنجېن تاموژنىسىدا قولغا چۈشتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 13:14 1 ئىنكاس چۈشتى


9–ئاينىڭ 12–كۈنى كەچتە، بۇ ئايال شېنجېن تاموژنىسىغا قاراشلىق شاتۇجياۋ تاموژنىسىدىن كىرگەن. سومكىسىنى X نۇرلۇق ماشىنىدا تەكشۈرگەندە، تەسۋىر رەسىمىدە سومكىنىڭ ئاستىدا بىر مۇنچە قەغەز بۇيۇملار كۆرۈنگەن.

شاتۇجياۋ تاموژنىسى تەكشۈرگۈچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قەغەزلەرنىڭ شەكلى، قېلىنلىقى ئادەتتىكى كىتاب ۋە گېزىت قەغەزلىرىگە ئوخشاپ كەتمەيدىكەن.

تاموژنا خادىملىرى سومكىنىڭ تېگىنىڭ قەغەزلەرنىڭ ئالماس ئىسپاتلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، لېكىن سومكىدا ئالماس يوق ئىكەن. ئايالمۇ ئۆزىدە ئالماس يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكچى بولۇپ، توختىماي يانچۇقلىرىنى كولىغان.

تاموژنا تەكشۈرگۈچىسى مۇنداق دېگەن: «ئۇنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، باغىرداق (لىپتىك)ىنىڭ ئىچىگە، ئوڭ-سول ئىككىلا تەرەپكە تىقىۋالغان ئالماسقا ئوخشاش دانىچىلىق نەرسىنى تاپتۇق.»

تەكشۈرۈلۈشىچە، قولغا چۈشكىنى ھەقىقەتەن ئالماس بولۇپ، جەمئىي 124 دانە، ئېغىرلىقى 17.344 گىرام ئىكەن، قىممىتى 2 مىليون 80 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى كېلىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ دېلو ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بودەك قىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالماس قانداق بولسا قانۇنلۇق بولىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号