باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

تەھلىلچى: iPhoneنىڭ بۇ يىللىق سېتىلىش مىقدارى 227.5 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 13:20 14 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9to5Macنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار ئاخباراتى شىركىتى TrendForceنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى 227.5 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشىدىكەن. دېمەك ئۇنىڭ ئېشىش دەرىجىسى ئەقلىيفون بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئەقلىيفون بازىرى %4.8 ئېشىشى مۇمكىن. بۇ شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، OLED iPhoneنىڭ سېتىش مىقدارى ئالمىغىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئەقلىيفون كەسپىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. 

TrendForceنىڭ ئېيتىشىچە، AMOLED ئېكران سەپلەنگەن iPhone Xنىڭ چىقىرىلىشى AMOLEDنىڭ ئەقلىيفون بازىرىدا ئومۇملىشىش سۈرئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن. TrendForceنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، دۇنيادىكى تەخمىنەن %43 ئەقلىيفونغا AMOLED ئېكران سەپلىنىدىكەن. 

گەرچە ئالما يېڭى تېخنىكىنى بىرىنچى بولۇپ ئىشلەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يېڭى تېخنىكىنى كەڭ تۈردە ئىشلىتىشتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ بولۇپ قالىدۇ. TrendForceنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالما چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى (Face ID)دا 3D سېنزور ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ بۇ تېخنىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا قوللىنىلىشىغا يۇقىرىقىغا ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مۆلچەرلىنىشچە، دۇنيادىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلىتىلگەن 3D سېنزورىنىڭ ئومۇمىي قىمممىتى 2017-يىلى 1.5 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن، 2020-يىلىغا بارغاندا %209 ئېشىپ، 14 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. بۇ 3D سېنزورى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تارقاتقۇچ ۋە قوبۇللىغۇچ دېتالىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. 

بازار تەتقىقات ئورگىنى Strategy Analyticsنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2007-يىلى تۇنجى iPhone چىقىرىلغاندىن تارتىپ 2017-يىلى 2-پەسىلگىچە ئالما iPhoneلىرىنىڭ ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى 1.2 مىلياردقا يەتكەن. بۇ شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال iPhoneنىڭ تىجارەت كىرىمىنى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغچە بىر تىرىليون دوللارغا يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. مۆلچەرلىنىشچە، 2007-يىلىدىن 2017-يىلى 2-پەسىلگىچە iPhoneنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تىجارەت كىرىمى 760 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىرىم داۋاملىق ئېشىۋېتىپتۇ، 2018-يىلىغا بارغاندا iPhone دۇنيادىكى تىجارەت كىرىمى بىر تىرىليون دوللارغا يەتكەن تۇنجى ئەقلىيفون بولۇپ قالىدىكەن. 

مورگان ستانلېينىڭ داڭلىق ئالما تەھلىلچىسى Katy Hubertyنىڭ قارىشىچە، كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) تېخنىكىسى كەلگۈسىدىكى iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن ھەمدە ئۇ نىشانلىغان ئالما پايچېكىنى 253 دوللارغا ئۆرلىتىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېخانىك1 ئاي ئىلگىرى

    بىكارچى يالغان سوزلىسەڭمۇ ئويلاپ سوزلىسەڭچۇ نۇر تورىنىڭ ئاندورۇيىد نەشرى ئۇنداق چوڭ بوشلۇقنى ئىگەللىمەيدۇ ئەكسىچە ئالمىنىڭ ئاشۇنداق بايقۇش ئاندۇرۇيىد كورۇپ باقمىغانلىقىڭ چىقىپ تۇرىدۇ

  • 159******442 ئاي ئىلگىرى

    قاندا بۇلاكى ھەي پۇچۇق ئالما

  • بىكارچى2 ئاي ئىلگىرى

    سەپىلىمە ۋە يىڭىلىق يارىتىش جەھەتتە سامسۇڭدىن كىيىن قالدى بىراق چىدامچانلىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە باشقا ماركىلىق يانفۇنلار ئالمىغا يىتىشكە خىلى ،سەنشىڭ ۋە باشقا ماركىدىكى ئاندىروئىد تىلفۇنىڭ ئچكى ساقلىغۇچى 8Gبولغان بىلەن ئالما3G بولغان بىلەن يەنىلا بىزبۇنى سان جەھەتتىن سىلىشتۇرمايمىز، ئەمەلى ئىشلىتىش جەريانىدا سىلىشتۇرمىز ،ئاندىروئىد سىستىمىسدا نۇرتورىنىڭ ئەپنى شۇنداق قوزغاتىسىڭىز 1Gدىن كۆپ ئىچكى ساقلىغۇچ خورايدۇ يەنە 10~20خەۋەر كۆرىسىڭىز يەنە 1Gغا يىقىق خورايدۇ ،يەنە باشقا ئەپلەرنىڭ قوزغاتسىڭىز يەنە قۇشۇلۇپ خورايدۇ ئىغىرلىشىپ قالدۇ تىلفۇننى قايتا قوزغاتمىغىچە ياكى تىلفۇنغا تازىلاش دىتالى قاچلاپ ئىككى ئۇچ سائەتتە بىر تازلاپ تۇرمىغىچە لىكىن ئالمىدىكى 3G ئىچكى ساقلىغۇچ نەچچە ئون ئەپنى بىر قوزغىتىپ ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا ئالمىشىپ مەشغۇلات قىلسىڭىز قاتمايدۇ ،ئالمىنى قاتىدۇ ،ھەم توكى پايلىمايدۇ دىگەنلەر خەق نەچچە يىل ئىشلىتىپ نەچچە يىل ئالدىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ كەتكەن نىمكەش ئالما ئالغانلار ،

  • udun2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ قېتىم ئالما بوش كەلمىگەندەك قىلىدۇ، سىرىتقى قىياپەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتە پۈتۈن تىلفۇنلانى بېسىپ چۈشۈدىغان چىراي، ئىقىتدار جەھەتتە ئالمىدىكى ئىقتىدارلا باشقا تىلفۇنلاردا بولسىمۇ، بىراق قوللىنىشچانلىق جەھەتتە يەنىلا ئالمىغا يەتمەيدۇ,بۇنىسى ئىنىق

  • پانتىكىن2 ئاي ئىلگىرى

    تىمتاس نۇرداش سىزخاتا مۆلچەرلەۋاتىسىز،ھازىر كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى ئۆزگەردى،قىممەت نەرسىنىڭ بازىرى چىقىپ ئەكسىچە ئەرزان نەرسىلەرنىڭ بازىرى يوق .بۇلۇپمۇ يۇقىرى ئىستىمال بازىرىدا

  • ئېسىل زادە2 ئاي ئىلگىرى

    بەك يۇقۇرى مۆلچەرلىۋىتىپتۇ، بۇ ئالما8يۈرۈشلىكىنى ئالايدىسە يېڭىلىق يوق ئالما 7نىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى، ئالماXنى ئالاي دىسە بەك قىممەت. يېڭى ئىقدىدار، تاشقى كۈرۈنىش جەھەتتىن بولسۇن بۇ ئىقدىدارلار ئاساسەن دۆلىتىمىزدىكى يانفۇنلاردىمۇ تۇرسا، باھاسىمۇ ئەرزان.
    ئالما تىلفۇنلىرىنى مىنىڭچە نام-شۆھرەت، ئابروي قوغلىشىدىغانلا ئالسا بولغۇدەك.

  • ئارال2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بىرنى ئالماقچىiPhone X تىن

  • يۇسۇپچان2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ تەھلىلچىنىڭ كاللىسىدا 10كىلو سۇ 7 تال لەھەڭ 10 تال بېلىق باركەن

  • مىسران2 ئاي ئىلگىرى

    نەچچە كۈنگىچە ئالما خەۋەرلىرى قاينايدۇ

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    سەل تۆۋەن چاغلاپ قالدىمۇ قانداق، بۇ دىگەن ئالما تۇرسا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号