باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2586يوللانما
20مەستانە

ھىندىستان تۆمۈر يول مىنىستىرى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ھىندىستان ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 15:38 5 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو ھىندىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى بۈگۈن رەسمىي باشلىدى. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق زىيارەت مەزگىلىدە، ئابى شىنزو بىلەن ھىندىستان زۇڭتۇڭى مودى 14-سېنتەبىر ھىندىستاندىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولغا ئۇل سالىدىكەن. 

ھىندىستاندىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئەھمەدئابادتىن بومبايغىچىكەن، ئەسلى پىلاندا 2023-يىلى قۇرۇلۇش تاماملانماقچىكەنتۇق، بىراق قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش ۋاقتى 2022-يىلىغا سۈرۈلۈشى مۇمكىنكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، پويىزنىڭ سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 350 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، بومبايدىن ئەھمەدئابادقا بارىدىغان ۋاقىت ھازىر 8~7 سائەتتىن 2 سائەتكە قىسقىرايدىكەن. 

«بۇ تۈر دۇنياۋى قاتناش تېخنىكىسىنى ھىندىستاننىڭ تۆمۈر يول تەرەققىياتىغا سىڭدۈرىدۇ، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدە يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ» دېدى، ھىندىستاننىڭ تۆمۈر يول مىنىستىرى پىيۇش گويال شۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن 40، 50 يىل جەريانىدا، ھىندىستاننىڭ تۆمۈر يول تەرەققىياتى مۇستەملىكە دەۋرىدىكى تۆمۈر يول تېخنىكىسىدىن ھالقىيالمىدى. بىراق، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تېخنىكىسى بىلەن ئۇچرىشىش، ھىندىستاننىڭ تۆمۈر يول ئىنژېنېرلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە زامانىۋىلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ». 

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەزكۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرى ياپونىيە بىرلەشمە ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. قەرزدىن يىلىغا %0.1 تۆۋەن ئۆسۈم ئالىدۇ». 

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئوق پويىز ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە بىر قېتىملىق پۇرسەت ئاتا قىلىدىكەن، ھىندىستان تۆمۈر يول سىستېمىسىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ زامانىۋى تېخنىكىلارنى كىرگۈزىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئايرۇ6 كۈن ئىلگىرى

    تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول دەيدو، قاتتىق ھەيران قالارلىق، ئاتالمىش تەرەققىياتى تىز بولىۋاتقان ھىندىستان مۇشۇما؟

  • خوتەنلىك1 ھەپتە ئىلگىرى

    پۇلى بار ئادەم ھىندىستاندا ئەخلەتتىن قايتاپايدىلىنىش تۈرىگە مەبلەغ سالسا بولاركەن

  • 138******591 ھەپتە ئىلگىرى

    لەقۋا ھېندىستان لقلار ئۈزنى چوڭ دۆلەت دېگەن بىلەن ئوڭلاپ تۈمۈر يولنىمۇ ياسىياماي

  • مىھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    18000يىلغىچە پۈتمەمدىكەن بۇ تۈمۈر يول

  • چۇتۇچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىندىستانلىقلار مۇشۇنداق خەق،بىر تۆمۈر يولنى يىگىرمە مىڭ يىلدا ياسايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号