باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

بايراقدار ئاندىرويىد يانفونلارغا سېلىشتۇرغاندا iPhone Xنىڭ ھېچقانچە ئۈستۈنلۈكى يوق

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:15 18 ئىنكاس چۈشتى

سۇمۇرغ پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 13-چېسلا بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، iPhone X ئالمىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ يانفونى، لېكىن ئاندىرويىدنىڭ بايراقدار يانفونلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەۋزەللىكى يوق.

ئۇنىڭدا بەلگە خاراكتېرلىك Home كۇنۇپكىسى، Touch ID بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، OLED ئېكران ۋە Face ID ئىقتىدارى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن. Face ID يۈز قىسمىنى پەرقلەندۈرۈشكە تايىنىپ يانفون قۇلۇپىنى ئاچىدۇ ھەمدە Apple Payنى ئىشلىتىپ مال سېتىۋالغاندا سالاھىيەتنى دەلىللەيدۇ.

ئۇندىن باشقا، iPhone Xقا تېخىمۇ تىز A11 بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن بولۇپ، سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، True Tone ئېكران تېخنىكىسى تېخىمۇ كۆپ رەڭ ئېنىقلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئىقتىدارلار iPhone 8 بىلەن 8 Plus دىمۇ بار ئىكەن. iPhone X بىلەن سېلىشتۇرغاندا، iPhone 8دە ئۆزگىرىش بەكلا ئاز.

iPhone X تارىختىن بۇيانقى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ئالما يانفونى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئاندىرويىدنىڭ بايراقدار يانفونلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭدىكى ئىلغار تەرەپلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ، ھېچبولمىغاندا سەپلىمە سېلىشتۇرمىسىدا شۇنداق. 

لېكىن، ئالما ھەر بىر ئەۋلاد iPhone دا مۇندان بىر ئىشنى ئىسپاتلىدى: ئۇنىڭ iPhone نىڭ يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتاللىرىنى ئەلالاشتۇرۇشى ئالىي سەپلىمىلىك ئاندىرويىد يانفونلىرىدىن ياخشى، ھېچ بولمىغان ئۇلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە. بۇمۇ iPhoneنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئىپادىسىنىڭ شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى.

لېكىن يانفون سېتىۋالغاندا، قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يەنىلا ئويلىشىقا تېگىشلىك ئامىل. چەت ئەل تاراتقۇلىرى iPhone X بىلەن Galaxy Note 8، Galaxy S8، LG V30، گۇگول Pixel، HTC U11 قاتارلىق يانفونلارنىڭ قاتتىق دېتال سېلىشتۇرمىسىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئېكراننىڭ چوڭ كىچىكلىكى، پەرقلەندۈرۈشچانلىقى، بىر تەرەپ قىلغۇچى، كامېرا، ئىچكى ساقلىغۇچ، ساقلاش بوشلۇقى، باتارېيەنىڭ سىغىمى، Micro SD كارتىنى قوللايدىغان قوللىمايدىغانلىقى، سۇدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى، USB ئۇلاش ئېغىزى، بارماق ئىزى ياكى يۈز قىسمىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئادىلجان1 كۈن ئىلگىرى

    ئەڭ ياخشى تېلېفون ئىستېمالچى بەلگىلەيدۇ ، ئىستېمالچىلارئالغىنى ئەڭ ياخشىسى.

  • ئادىلجان1 كۈن ئىلگىرى

    سىلەرمۇ دىققەت قىلىڭلار.ئالما ، تېلېفون نەچچە ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغانسىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەرشتە كۆرمەڭلار

  • شەمشەر6 كۈن ئىلگىرى

    دەلتە،،،،،،،،،،،

  • ئەرۋاھ6 كۈن ئىلگىرى

    سامسۇڭچىلارغا تەۋسىيەرىم نوت8 يانفونىڭلارنى كەچتە بېشىڭلارغا قويۇپ ئۇخلىماڭلا ئۆزەڭلارنى ئەرىشتە كۆرسىلە ، سامسۇڭ باي شېركەت بولغان بىلەن جان تۆلەپ بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ !

  • بايقۇش6 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىسى TT بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلسىنىڭ ئۈزگە چۇشلۇق ئالاھىدلىكى بار ئاندىرويىتلار سىستىما جەھەتتە تىز يەڭگىل ئالدى ئارقا سەپتىكلە تەڭ ئىشلەش ئەندىزسىنى يولغا قويغان قوللاش دائىرسى كۆپ ئالما تىزلىك جەھەتتە ئىلغار سىلتىما قايسىنى ئىشلەتسىڭىز شۇنى قوللاش ئارقا سەپتىكسى ئارام ئىلىش تۇزمىنى قوللانغان

  • ئوي6 كۈن ئىلگىرى

    ناھايتى تۇكى يڭق مەزمۇنلانى يولايدىكە بۇ تەھرىرلە ئۇندا بۇندا دىمەي يانچىقىمدا ئالما ئالغۇدەك پۇل يوق دىسەڭلا بولمام دۇ

  • مېھمان6 كۈن ئىلگىرى

    ئالـمىنى ياخشى ئەمەس ؛باھاسى قىممەت دىگۇچىلەر ئەقىلسىز كىشلەردۇر سىلەرگە چۇشەندۇرگىچىلەرمۇ نادانلاردۇر

  • سامسۇڭ6 كۈن ئىلگىرى

    بىكاچى ئۈكەم شياۋمىmixنىبى 50سانتا ئگىزلىكتىن يەگە تاشلاپ باقە قېنى نەچچە پۇلغا ئكران ئالماشتۇردىكەنسە

  • ئايپەد پرو6 كۈن ئىلگىرى

    ئىچكى سىغىمى 10 جى بولسىمۇ يەنىلا ،ئالمىنىڭ يامان

  • مەمەت مەنتەڭ6 كۈن ئىلگىرى

    رەخت پۇل ئەمەس ھۈنەر پۇل ئات بىلەن ئىشەكنى سېلىشتۇرۇش نە ھاجەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号