باش بەت

ئادىلجان

5923يوللانما
34مەستانە

iPhone X چىققاندىن كېيىن ئۈمىدسىزلىك خۇرسىنىشلىرى ئالقىش ساداسىنى بېسىپ كەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 18:15 35 ئىنكاس چۈشتى

سۇمۇرۇغ تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە بۇ يىللىق كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. راستىنى ئېيتقاندا ئۇزۇندىن بۇيان ئەقلىيفونلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان تورداشلار ئالما بۇ قېتىم چىقارغان مەھسۇلاتنى بۇرۇندىنلا بىلىدىغاندەك ھېس قىلىشتى. ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە مەخپىي تۇتۇلۇپ ئالما مەستانىلىرىنىڭ ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلگەن يېڭى مەھسۇلات دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئۇدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەھسۇلات ئەپ ئاتىلىشقا تېگىشلىك قىممىتىمۇ قالمىدى، بولۇپمۇ جوبىس دەۋرىدىكى «one more thing (يەنە بىر ئىش بار)» دېگەن بىر جۈملە سۆز بۈگۈنكى كۈندە ئالمىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدىكى كىنايە سۆزگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ توختىماستىن خەۋەر قىلىشى خىزمەت ئېھتىياجىدىن، ئالما مەستانىلىرىنىڭ ئاختۇرۇپ كۆرۈشى ئالمىغا بولغان سادىقلىقىدىن بولسا كېرەك، باشقىلار بەلكىم ئاخشام خېلى بۇرۇنلا ئۇخلاپ بولغاندۇ. ئەمما ئالما بۇ قېتىم چىقارغان مەھسۇلات ئالما مەستانىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى راستىنلا زور دەرىجىدە يەردە قويدى. 

ئالدى بىلەن مەھسۇلات لايىھەسى ۋە ئىقتىدارىغا كەلسەك، ئالمىنىڭ ئاتالمىش ئالاھىدىلىكلىرى ئاللىبۇرۇن باشقا يانفونلارغا ئىشلىتىلىپ بولۇنغان. مەسىلەن LTE بىلەن GPS ئاللىبۇرۇن خۇاۋېي يانفونىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، پۈتۈن ئېكرانمۇ سامسۇڭ S8دە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغان، قوش كامېرامۇ خۇاۋېي ئەڭ بۇرۇن چىقارغان لايىھە. شۇڭا ئەگەر ئالما مەستانىلىرى پۈتكۈل ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپ زەنجىرىنى ئەقلىي كۆزى بىلەن كۆزەتسە، چوقۇملا ئالمىنى بۇنچىلىك ئاشۇرۇپ ھىمايە قىلىپ كەتمەيدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، گەرچە ئالما ئون يىللىق خاتىرە نۇسخىدىكى iPhone Xنى چىقىرىپ، ئىچىگە خېلى يۇقىرى قاتتىق دېتاللارنى سەپلىگەن، بۇ يانفون ئالما تارىخىدىكى تۇنجى پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال مېنى راستىنلا قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئالما شارىپقا ئوخشاش پۈتۈن ئېكران ئىچىدىكى ئاتالمىش غەيرىي شەكىللىك ئېكراننى ئىشلەتتى، ئەمما بۇ يانفوننىڭ ئۈستى رامكىسى پۈتكۈل ئالدى ئېكراننى قانۇنىيەتسىز كۆرسىتىپ قويغان. سامسۇڭ S8نىڭ سىممېتىرىك شەكىلدىكى ئاستى-ئۈستى رامكىسىغا سېلىشتۇرساق مەن يەنىلا سامسۇڭ S8نىڭ لايىھەسىنى ياقتۇردۇم. 

تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرەيلى، مېنىڭچە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «王者荣耀» ناملىق ئويۇننى ئويناپ باققان. ئەگەر ئېكراننى توغرىسىغا كۆرسىتىدىغان قىلىپ تەڭشىسە، ئوڭ-سول ئىككى تەرەپ سىممېتىرىك بولمىسا، ئادەمنى بىزار قىلىپ قويامدۇ قانداق؟ شۇڭا مەن سامسۇڭنىڭ سىممېتىرىك شەكىلدىكى ئاستى-ئۈستى رامكا لايىھەسىنى بەكرەك ياقتۇرىمەن. ئىشلىتىش قولايلىقلىقى ۋە ياساش ھۈنەر-سەنئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئالما ئىزچىل تۈردە رىقابەتچىسىگە ئوخشىمايدىغان لايىھەنى ساقلاپ كەلدى، ئەمما بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان  لايىھە ئىدىيەسىدە ئىشلىتىش قولايلىقلىقىغا قارىغاندا ياساش ھۈنەر-سەنئىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن. قىممەت قارىشى جەھەتتە ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ. 

ئالمىنىڭ سېتىش مىقدارى ۋە كىرىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدا بۇ شىركەت پۈتۈنلەي ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان بىر يۈرۈشلەشتۈرۈش مېخانىزمىغا تايىنىدۇ. جوبىس دەۋرىدىكى ئاتالمىش «ئاچ قويۇش ماركىتېڭى» نۆۋەتتىكى كۇك دەۋرىدە ئاساسەن يوقىلىپ كەتتى. ھەممىدە بازارنى ئاساس قىلىدىغان، ئىزچىل تۈردە ماتېرىيال ئاشكارىلاش ئارقىلىق سىرلىقلىقىنى ساقلايدىغان ئالمىنىڭ كەلگۈسىدىكى سېتىش مىقدارى خۇاۋېي قاتارلىق دۆلەت ئىچى يانفونلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ۋە ئىجادىي تۈسكە كىرىشى ھەمدە سامسۇڭ قاتارلىقلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بايلىقلارنى كونترول قىلىشى ۋە بازار ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتتىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالالماسلىقى مۇمكىن. ئومۇمەن ئالما مەستانىلىرى ئىلھام ئېلىش، بازار تەرىپىدىن تەربىيەلىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئاندىرويىدقا قاراپ بۇرۇلۇشقا باشلىدى. چۈنكى نۆۋەتتە ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلات جەھەتتە رىقابەتچىسىدىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قالمىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇستاپا6 كۈن ئىلگىرى

    تالاشماڭلا ئاندىرۇئىد نىڭ ئىقتىدارى كۇپ ئامما ئالمىدەك نۇرمال ئىشلەمدۇ ئالمىدەك چىداملىقمۇ دەڭلا قىنە ھازىر سۇپەت جەھەتتە ئىقتىداردا ئاندىرۇئىد ئالمىدىن خىلى ياخشى بۇنى ئىتراپ قىلمەن لىكىن ئالمىدەك مۇكەممەل ئەمەس

  • 152******156 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى چىقىپتۇ . ئېتراپ قىلماي بولمايدۇ . ئەمما باھاسى سەل يۇقىرى دە ھازىر ، بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇنىڭمۇ باھاسى چۈشۈپ كىتىدۇ .

  • مۇستافا6 كۈن ئىلگىرى

    ئەمىليەتتە ئاندىرويىدنىڭ مۇكەممەل بىر سىستىما ئەمەسلىكىنى بىلمەيدىكەنسىلەر ئاندىرويىد چىلار بارى يوق ئىشنى قاتتىق دىتالغىلا ئارتىپ قۇيدىغان ئۇ خىل ئۇيۇنچۇقنى مەن تېخى تىلفۇن دەپ ئىتراپ قىلىپ باقمىدىم ئەمىلىيەتتە ۋىندوۋىس سىستمىغىمۇ يەتمەيدۇ ios ئۇياقتا تۇرسۇن ئامال قانچە دۇنيادا ئەقلىي ئىقتىدارى تۈۋەن ئادەملەر كۆپ ئامال يوق ئىقىپ قالدب بۇ ئاندىرويىد ئاسان بولغاچقا

  • مېھمان6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە گەپلىرىڭىز سەل قۇرۇق ئاساسىز بولۇپ قاپتۇ ،بىر تىلفۇننى نەدە ئۈچىنجى تەرەپ ئويۇنى ئارقىلىق ئۆلچىگەن بار يەنە كىلىپ ۋاقىتنى ئاۋارە قىلدىغان بىر ئويۇن ئارقىلىق

  • Banana Phone6 كۈن ئىلگىرى

    ياۋ پانا...... بەزىلەر ئالمىنى ماختاپ رومان يازغىلى تاس قاپتۇھە مايەدە، ئوبزور ئىلان قىلىشىپ كەتكىننى تىخى

  • ئايپەد پرو6 كۈن ئىلگىرى

    نەدە رازى بولمايدۇ ئاخشامقى ئېلان قىلىش يىغىنىدا تېلىپۇن چىقىشىغىلا چىقىرشىپ كەتتىغۇ - ئۇنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار راس

  • ئايپەد پرو6 كۈن ئىلگىرى

    سامسۇڭ سارىڭىكەن بۇنى يازغۇچى

  • مەستانە6 كۈن ئىلگىرى

    مېھماننىڭ پىكىرىنى قەتئى قوللايمە

  • ئەمچى بەگ6 كۈن ئىلگىرى

    تورداشنىڭ پىكرىنى قوللايمەن يەنە بىرگەپ تەھرىر ئالما ئىشلەتمىسىڭىزبۇلىدۇ بۇيەدە ئۈمۈدسىزلەندىم دەپ ئولتاغۇچە ………

  • قالتىىس6 كۈن ئىلگىرى

    ھەر قانچە قلسمۇ ئات دگەن ئات ئشەك دگەن ئشەك يەنلام ئالما بەك قالتس بەك نوچى ئالمابەك ئسل چقپتۇجۇمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号