باش بەت

Apple

107يوللانما
8مەستانە

ئاسانلا 12 نومۇر تارتقۇزىدىغان قاتناش بەلگىلىرى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:47 9 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ يولغان چىققاندىن كېيىن تەجرىبىسى ئاز شوپۇرلار بەزى بەلگىلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەمسە بۇ بەلگىلەر ۋە بەلگىلەرنىڭ مەنىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ.


1. ماشىنا توختىتىش چەكلەنگەن ۋە ئۇزۇن مۇددەت ماشىنا توختىتىش چەكلەنگەن

 

بۇ بەلگە ناھايىتى ئاسانلا نومۇر تارتقۇزىدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرى. سول تەرەپتىكى «X» بەلگىسى ئاپتوموبىل توختىتىشنى چەكلەش بەلگىسى، بۇنداق بەلگە ئاستىدا ۋاقىتلىقمۇ توختىتىشقا بولمايدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى بەلگە بولسا ئۇزۇن مۇددەت ماشىنا توختىتىشنى چەكلەش بەلگىسى، لېكىن ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىشقا بولىدۇ، بۇنداق بەلگە ئاستىدا ئاپتوموبىل توختاتقاندا شوپۇر ماشىنىدىن ئايرىلسا بولمايدۇ. يەنە بىر نۇقتا كۆپىنچە ئاپتوموبىل توختىتىشنى چەكلەش بەلگىلىرى ئاستىدا كامېرا بار، شۇنىڭ ئۈچۈن قاتناش ساقچىسى يوق دەپلا توختىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئاڭلىقلىق بىلەن قاتناش قائىدىلىرىگە بويسۇنۇش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر.

 

2. ئۇچراشقاندا ئۆز ئارا يول بېرىش

سول تەرەپتىكى ئاق تەگلىك بەلگە بولسا ئۇچراشقاندا يول بېرىش بولۇپ، ئۇچراشقاندا قارشى تەرەپتىكى ئاپتوموبىلغا چوقۇم يول بېرىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى كۆك تەگلىك بەلگە ئۇچراشقاندا ئالدىن يۈرۈش بولۇپ، ئاپتوموبىل ئۇچراشقاندا ئالدىدىكى ئاپتوموبىل شەرتسىز يول بېرىشنى كۆرستىدۇ. بەلگىلەردە كۆرسىتىلگەن بويىچە يول يۈرمىگەندە قائىدىگە خىلاپلىق بولىدۇ ھەم نومۇر تارتىلىدۇ.  ئەگەر پەرقلەندۈرەلمىسىڭىز، قىزىل كۆرسىتىش بەلگىسى تەرەپتىكىنىڭ قارشى تەرەپكە يول بېرىدىغانلىقىنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

 

3. غول لىنىيەدىكى ئاۋۋال يۈرۈش

بۇ بەلگە يول تالىشىشنى چەكلەش تۈرىدىكى بەلگە بولۇپ، كېسىشمە يول ئېغىزىدا كۆپرەك ئۇچراتقىلى بولدىغان قاتناش بەلگىلرىنىڭ بىرى، بۇ غول لىنىيەدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئاۋۋال يۈرىدىغان ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ بەلگىنى كۆرگەندە ئەگەر غول لىنىيەدە بولسىڭىز، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا ئاۋۋال يۈرگۈزۈش ھوقۇقىڭىز بار، لېكىن ئالدىن يۈرۈش ھوقۇقى بار دەپلا خالىغانچە يول يۈرۈشكە بولمايدۇ، چوقۇم مەدەنىي يول يۈرۈش لازىم.

 

4. ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يول بېرىش بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش

 

بۇ ئىككى بەلگىدە رامكا ئىچىدىكى خەتنى كۆرۈپلا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. «停» خەت بەلگىسى شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يول بېرىشنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ بەلگە ئادەتتە كۆرۈش دائىرىسى ياخشى بولمىغان يول ئېغىزىلىرىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. «让» خەت بەلگىسى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىشنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئالدى تەرەپتىكى قاتناش ۋاسىتىسى ياكى پىيادىلەرگە يول بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

 

5. ئاپتوموبىلنى توختىتىپ تەكشۈرتۈڭ

 

بۇ بەلگىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى ئېنىق، يەنى ئاپتوموبىلنى توختىتىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ ئادەتتە تەكشۈرۈش تارماقلىرىغا يېقىن بۆلەكلىرىدە ئۇچرايدۇ، شوپۇرلار بۇ بەلگىنى كۆرگەن ھامان سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئالدى تەرەپتىكى تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

شوپۇرلار بولغۇچى قاتناش بەلگىسى ۋە شۇ بەلگىنىڭ مەنىسىنى چوقۇم ئىسىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك، شۇندىلا ئۆز مەنزىلىمىزگە ھەم تېز ھەم بىخەتەر يېتەلەيمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • huojia532*2 ئاي ئىلگىرى

    ماشىنا ھەيدىگەچ سامسۇڭ ئويناپ ماڭسىڭىز يىنىكرەك بولسا دوختۇرخانىغا،ئېغىرراق بولسا ئۇ دۇنياغا بارىسىز…بىزنىڭ يۇرتتا توي قىلغىنىغا 10كۈن بولغان ئەر-خۇتۇن قاتناش ۋەقەسىدە كىلىنچەك ئۈلۈپ كىتىپتۇ،ئۇغۇل بالا ئۈزى ھايدىگەن ئىكەن ئۇ دوختۇرخانىدا ھۇشسىز ياتىدۇ دەيدۇ ئۈلىك-تىرىكلىكى نامەلۇم دەيدۇ.
    (بۇ تۈنىگۈن بولغان ۋەقە ئكەن)

  • ئەيساجان2 ئاي ئىلگىرى

    نىمە بۇ بەلگىلەنى مەنمۇ ئۈگەنگەن

  • ئەيساجان2 ئاي ئىلگىرى

    يەنە باشلاندى مەنمۇ ئازراق بىلمەن

  • مۇقام يۇرتى2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى مەزمۇننىڭ يوللانغىنىدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم ، رەھمەت . چۈنكى مەنمۇ بىر شوپۇر.

    ماۋۇ سۈرخان ئىسىملىك تورداش قاچانلا قارىسا سامسۇڭ ،سامسۇڭلا دىگەن .خەق نىمە دەپ قالا دىمەي ئاغزىغا كەلگەننى دەۋىرەمدۇ نىمە ؟، مەزمۇنغا مۇناسىۋەتسىز گەپنى قىلىپ .
    بۇندىن كىيىن بارلىق تورداشلا سۈرخان تورداشنى سۈرخان تاقا-تۇقا ،سۈرخان ئالا - جوقا دېسەك بولغۇدەك .

  • 、じǎR、ΖǎИ、2 ئاي ئىلگىرى

    ئەجەبا نومۇر تارتىدىغان ئىش بىلەن بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ئىشنى قانداق ئويلاپ تاپقان؟

  • 156******672 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇ مەزمۇن نۇر تورىغا يوللانغان نادىر مەزمۇن بولۇپتۇ ، داۋاملىق مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرساڭلا ، ھازىر يول - قاتناشىنىڭ تىز تەرەققى قىلىشى بىلەن شوپۇرلارمۇ ئىنتايىن كۆپىيىۋاتىدۇ ، قاتناش قائىدىسىنى قاتناش بەلگىلىرىنى ياخشى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلاردىن ساقلانماق تەس ، شۇڭا شوپۇرلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقماسلىغى ئۇچۇن داۋاملىق يوللاپ تۇرساڭلا ، مەن بۇ مەزمۇنىنى ساقلىۋالدىم ، تېما ئېگىسىگە رەھمەت .

  • سۈرخاننىڭ ئىرى مەن2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان ، شۇنى بىلىشىڭ كىرەككى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تىلفۇن ئويناشقا ، تىلفۇن ئۇرۇشقا ،قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ …

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    سۇرخان ، سىز مىنىڭچە ساراڭ ئەمەس ، شوخ يىگىت .... ھە ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى ! قاتناش قائىدىسىگە ۋەھشىي رىئايە قىلىڭ . مەن بەك بىلىمەن ، بوش ئۆگەنمىگەن ئۆگەنگەندە

  • سۈرخان2 ئاي ئىلگىرى

    سامسوڭ ئويناپ ماڭسىچۇ سامسوڭ بەك ياخسى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号