باش بەت

zefer

1202يوللانما
86مەستانە

ئالمىنىڭ يېڭى iPhoneلىرى سۆرەپ چىققان ئەڭ يېڭى غەيۋەتلەر

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:05 0 ئىنكاس چۈشتى

ئالما شىركىتى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى نۇرغۇن مۇنازىرە قوزغىدى، بەزى تورداشلار بۇ مۇنازىرىلەرگە ئىشتىراك قىلدى، بەزىلەر تاماشا كۆردى.

△ يېڭى ئايفون سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى

△ ئەينى يىلى ئاپامغا iPhone 4 ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقىنىمدا، ئۇ ماڭا «iPhone 4 دەپ قاپسەن، كېيىن ساڭا iPhone 8 ئېلىپ بېرىمەن!» دېگەن ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى.

بايىلا تاپشۇرۇپ ئالغان iPhone 8 

△ دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق: باشقىلار ئالما 8نى سېتىۋالدى، سىز 8 ئالما سېتىۋالدىڭىز.

△ يېڭى iPhone چىراي تونۇپ قۇلۇپ ئاچالايدۇ، ئەمدى يېنىڭىزغا iPhone سېلىپ يۈرگەندە بۇلاڭچىغا ئۇچراپ قالسىڭىز تامغا ئۈسۈپلا چىرايىڭىزنى بۇزۇۋېتىڭ، ھۆسىن تۈزىتىش يەنە بىر iPhone X ئالغاندىن كۆپ ئەرزان ئەمەسمۇ؟

△ ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، ئەمدى iPhone 8نىڭ بازارغا سېلىنىشىنى كۈتەي.

△ دوستلۇق چەمبىرىكىدىكى «كىمنىڭ قىز دوستى iPhone 8نى ئالدىن ئىشلىتەلىدى؟» دېگەن مۇسابىقە باشلاندى، ناھايىتى ئېنىقكى، مەن غەلىبە قىلدىم.

△ ھازىر ھەممىڭلار «قايسى ئەزارىم قانچە پۇلغا يارايدىغاندۇ؟» دەۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن، مانا جاۋابى


△ مېنى بىر كۈندە 2361 قېتىم ئۆزتارتىم سۈرەتكە چۈشتى دەمسىز؟ ياق، مەن پەقەت يانفونۇمنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىۋاتىمەن.

△ iPhone 8 ئېلان قىلىندى، ئەگەر iPhone 8نى سېتىۋالغاندىن كېيىن بۇرۇن ئىشلەتكەن ئالما يانفونلىرىنى قويىدىغان يەر تاپالمىسىڭىز، يېنىمغا كېلىپ داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان جاۋۇرغا ئالماشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇ ئېلان ئۇزۇن مۇددەت كۈچكە ئىگە.

△ ئالمىنىڭ يانفونلىرى ئادەتتە ئىككى-ئۈچ يىلدا مودىدىن قالاتتى، iPhone X پەقەت ئون مىنۇتتىلا مودىدىن قالدى.

△ ئايفونلارنىڭ تەرەققىياتى:

ئايفون 8: تىڭشىغۇچ يوق

ئايفون 10: كونۇپكىسى يوق

ئايفون 12: كامېراسى يوق

ئايفون 14: باتارېيەسى يوق

ئايفون 16: ئايفونى يوق

△ يېڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ ئەجەللىك نۇقسانىنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك، بىرلا سۆز «قىممەت»!

△ بۇ يانفون ئېلان قىلىش يىغىنىمۇ ياكى فوتو ئاپپارات ئېلان قىلىش يىغىنىمۇ؟

قارىغاندا ئالما شياۋمى يانفونىنىڭ «ھۆسن تۈزەش» ئىقتىدارىنى ئۆگىنىپ قويسا بولغۇدەك.

△بەزىلەر iphone x شۇنچە قالتىس تۇرسا يەنە كىممۇ iPhone 8نى سېتىۋالىدۇ دېيىشىدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي «نامراتلار».

△ iphone xدىكى Face id ئىقتىدارىنىڭ گىرىم قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى جۇۋانلارنى پەرلەندۈرەلىشىگە ئىشەنمەيمەن.

△ خانىملار، ئەپەندىلەر، مەن سىلەر(نىڭ پۇلۇڭلار)نى سېغىندىم.

△ iPhone تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش قانداق مەيدانغا كەلدى؟

△ چىراي تونۇپ قۇلۇپ ئېچىش؟ كەچتە ئۇخلاپ ياتقاندا خوتۇن يانفونۇمنى چىرايىمغا قارىتىپلا ئېچىۋالسا قانداق قىلىمەن؟

△ قوشكېزىكى بارلار دىققەت قىلىپ يۈرەرسىلە، ھى ھى ھى

△ ئەلۋەتتە iPhone Xنى ئالىمەن، iPhone 8نى ئالسام يېڭى تېلىفون ئالغىنىمنى خەق قانداق بىلىدۇ؟

(داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号