باش بەت

ئىرپان

2225يوللانما
128مەستانە

يېڭى​ Mustangنىڭ ئۈستى ئوچۇق نۇسخىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:12 1 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 13-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا فورد ئورگان تەرەپ يېڭى Mustangنىڭ ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىنىڭ ئورگان سۈرىتى رەسىمىي ئېلان قىلىندى، يېڭى ئاپتوموبىل قاتتىق تورۇسلۇق تىپىنىڭ لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرغان، ئاساسلىق ئۆزگىرىش يۇمشاق تورۇسلۇق ئۈستى ئوچۇق قۇرۇلما قوللىنىلغان.

Mustang ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسى قاتتىق تورۇسلۇق ماشىنا تىپىنىڭ لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرغان، پۈتكۈل ياسىلىش تىپىدا سپورت نەپسلىكىنى يوقاتمىغان، مەزكۇر ئاپتوموبىلغا قاتلىغىلى بولىدىغان يۇمشاق-قاتتىق تورۇسلۇق ناھىيەسى قوللىنىلغان، بولۇپمۇ ئېچىلغاندىن كېيىن راۋان گەۋدە سىزىقلىرى لايىھەسى سەۋەبلىك پۈتكۈل ئاپتوموبىلدىن لاتاپەتلىك پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە قاتتىق تورۇسلۇق ئاپتوموبىلنىڭ لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرغاندىن سىرت، يەنە 12 ديۇملۇق تولۇق سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تاختىسىنى تاللاپ ئورناتقىلى بولىدۇ، ئۈستى ئوچۇق ھالەتتە كۆز-كۆز قىلىشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە مەزكۇر ئاپتوموبىلغا 2.3Tلىق (ئادەتتىكى نۇسخا) ھەمدە 5.0L V8 ماتورى (GT) سەپلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 290 ئات كۈچى ۋە 470 ئات كۈچى، ھازىرقى ماشىنا تىپىغا سېلىشتۇرغاندا سەل يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسى جەھەتتە 6 خوتلۇق قول خوت ياكى ئەڭ يېڭى 10 خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • M*G1 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىت! ياۋا ئات … نۆل قىلىۋىتىپتۇغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号