باش بەت

del103

3754يوللانما
9مەستانە

iPhone X ئالمىنى بازار قىممىتى تىرىليون دوللاردىن ئاشقان تۇنجى شىركەتكە ئايلاندۇرالامدۇ؟

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:21 6 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، iPhone X ئېلان قىلىنغان كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى تەخمىنەن 830 مىليارد دوللارغا يېتىپ، باشقا رەقىبلىرىدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرغان، بۇ ئىش ۋال كوچىسى تەھلىلچىلىرىنى ئويغا سالغان: ئالما شىركىتى بازار قىممىتى بىر تىرىليون دوللارغا يېتىدىغان تۇنجى شىركەت بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ iPhone Xنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىشى تۈرتكىسىدە ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى بۇ يىل ئاخىرلاشقۇچە بىر تىرىليون دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئابىدا خاراكتېرلىك نەتىجە يارىتىشى مۇمكىن.

2007-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالما شىركىتى تۇنجى ئەۋلاد iPhone نى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، ئالما پايچېكىنىڭ شۇ يىللىق ئوتتۇرىچە باھاسى تەخمىنەن %33 ئۆرلىگەن. شۇنىڭدىن كىيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالما شىركىتىنىڭ پايچېكى باھاسى يەتتە قېتىم يېڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنلا ئۆسكەن. ھازىرقى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئالما پايچېكىنىڭ باھاسى يەنە %20 ئۆرلىسە، ئۇنداقتا ئالما شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى بازار قىممىتى بىر تىرىليون دوللارغا يەتكەن شىركەتكە ئايلىنىدۇ.

38 نەپەر تەھلىلچىنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ئالما پايچېكى باھاسى شىركەت بازار قىممىتىنى بىر تىرىليون دوللارغا يەتكۈزدەك سەۋىيەگە يېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

Drexel Hamilton مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى برايىن ۋايت (Brian White) ئالما پايچېكىنى 208 دوللارغا يېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن بولۇپ، بۇ «ۋال كوچىسى» تەھلىلچىلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرىسى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى پاي بازىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، 208 دوللارلىق پايچېكى باھاسى ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتىنى 1.075 تىرىليون دوللارغا يەتكۈزەلەيدۇ. كەسپى ساھەدىكىلەر بىردەك ھالدا يېڭى نۇسخىدىكى iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئالما شىركىتىنىڭ پايچېكى باھاسى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ دەپ قارىماقتا.

برايىن ۋايت ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «كەلگۈسىدە ئالما پايچېكى يېڭى iPhone نىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئالما شىركىتىنىڭ كاپىتال تەقسىملەش پىلانى، جەلىپ قىلىش كۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولغان مۆلچەرى بازار قىممىتى ۋە مەھسۇلات يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ زور پايدىسىغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالما پايچېكى باھاسى يېڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن خېلى زور نىسبەتتە ئۆسۈشى مۇمكىن.»

كەتي خۇبېرتي (Katy Huberty) ئىسىملىك يەنە بىر تەھلىلچى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان بىر پارچە دوكلاتتا دېيىلىشىچە، iPhone X دىكى كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) ئىقتىدارى كىيىنكى «قاتىل» دەرىجىلىك ئىقتىدارغا ئايلىنىپ، ئەقلىيفونلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئۇ «ئالما پايچېكى باھاسى يىقىن كەلگۈسىدە 182 دوللارغا ئۆسۈپ، ئالمىنىڭ بازار قىممىتىنى 940 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىدۇ» دېگەن پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ ئۈمىدۋارلارچە قىلغان پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، ئالما پايچېكى باھاسى بۇ يىل ئىچىدە 253 دوللارغا ئۆرلەپ، ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتىنى 1.3 تىرىليون دوللاردىن ئاشۇرىۋېتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئالما پايچېكى باھاسى بۇلتۇردىن بۇيان جەمئىي %52 ئۆسكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 135******226 كۈن ئىلگىرى

    دوسلار ئالما شىركىتى ھەرگىز ئۆز قوللىغۇچىلىرىغا نەپ يەتكۈزمەيدۇ ئۇلار 2440يىۋەنگە پۈتكەن تىلفۇننى 9مىڭىدىن ئاشۇرۇپ ساتىدۇ شۇنداق ئەمەسمۇ بەزى تورداشلار تاموژنا بېجى ئالىدۇ دەپ سەۋەپ كۆرسىتىپسىلە ھەرگىز ئۇنداق ئش يوق ئالما تىلفۇننى دۆلىتىمىزدە ياسىلىدۇ شۇڭائۇنىڭدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ شۇڭا دوسلار دۆلىتىمىزنىڭ تىلفۇنلىرىنى قوللاپ قويايلى دوسلا

  • 147******756 كۈن ئىلگىرى

    ئەگەر تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالىسىلا مېنىڭچە يېتەلەيدۇ ، iPhone x نىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد نۇسخىسى چىقارمۇ ؟

  • 阿不拉江6 كۈن ئىلگىرى

    iphone x ئىلان قىلنىپلا پاي چىكى چۇشكىلى تۇرسا قانداق چىقدۇ ھازىرقى ھالەتنى ساقلىيالسا چوڭ ئىش بۇلدۇ مىنىڭچە داۋاملىق تۇۋەنلەيدۇ

  • ئايپەد پرو6 كۈن ئىلگىرى

    ھەي كىچىدىنكى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كىيىن ئوت كىرۋالدى .

  • 3.146 كۈن ئىلگىرى

    ئەسەبىي مەستانىلىرىلا بولىدىكەن چاتاق يوق ئېشىۋېرىدۇ.

  • بىكارچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالمىنى ئالما قىلغان مۇستەقىلىل ياسىغان مەشخۇلات سىستىمىسى ،مەيلى كومپىيۇتېرلىرى ۋە تىلفۇننى بولسۇن سىستىمىسى ناھايىتى بىخەتەر شۇڭا ھازىرقى زاماندىكى كىشلەرنىڭ كۈندىن كۈنگە ئىشىپ بىرىۋاتقان بىخەتەرلىك كۆزقارشى ئالما شىركىتىگە بولغان بولغان ئىشەنىچنى تۇرغۇزدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号