باش بەت

خەۋەرلەر

2999يوللانما
12مەستانە

‹‹ئاز پۇل تاپساقمۇ تاپايلى، بىكار تۇرمايلى››

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:11 0 ئىنكاس چۈشتى

 ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ

 بورتالا شەھىرىنىڭ چىندىل بازىرى 1 – كەنتىدىكى قۇربانجان ئەمەتنىڭ ئىدىش دوغچىلىقىنى ماشىنىلاشقان ماروژنى ياساشقا ئۆزگەرتىپ ئائىلە ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرگەنلىكى يېقىندا بۇ بازاردا قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى قۇربانجان ئەمەتنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماروژنىخانىسىغا باردىم.

 ئىش – ئوقىتىڭىز قانداقراق؟ دەپ سورىدىم قۇربانجان ئەمەتتىن كېلىش مەقسىتىمنى بىلدۈرۈپ.

 ھەر ھالدا تىرىشچانلىقىمىز بىكارغا كەتمىدى، دېدى ئۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، ئەقلىمنى بىلسەم، دادام دوغچىلىق قىلىپ ئائىلىمىزنى قامدايتتىكەنتۇق. شۇ چاغدا دادام ياغاچ ئىدىشقا ئارغامچا باغلىۋېلىپ، بىر كۈندە ئاران 30 كىلوگىرام دوغ تەييارلايتتى، ئائىلە ئىقتىسادىمىز ئانچە ياخشى بولمىغاچقا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالماي، 14 يېشىمدىن باشلاپ دادامدىن دوغچىلىقنى ئۆگەندىم. 19 يېشىمدا ئۆيلەندىم، دېمەك بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ئىس چىقارمىسام بولمايتتى. 1995 – يىلى يازدىن باشلاپ خوتۇنۇم بىلەن دوغ قاچىلانغان ئىدىشنى ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىپ بەش كىلومېتىر يول يۈرۈپ بازارغا ئەكىرىپ سېتىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىدۇق. شۇ يىللاردا كۈنىگە 70 – 80 يۈەنگىچە پۇل تاپاتتۇق. دوغچىلىقىمىز يازدا ئاران تۆت ئايلا ئاققاچقا، دوغچىلىق قىلىپ مىڭبىر جاپادا تاپقان پۇلىمىزنى قىشتا خەجلەپ بولاتتۇق. ئائىلە دېگەندە ئازراق ئېشىنچا پۇل بولمىسا بولمايدىكەن، شۇڭا قىش كەلگەندە ئەر – خوتۇن ئىككىمىز ‹‹ئاز پۇل تاپساقمۇ تاپايلى، بىكار تۇرمايلى›› دەپ، بازار ئىچىدىن دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ ناۋايلىق قىلدۇق. ياز كەلگەندە دوغقا قوشۇپ ماروژنى چىقىرىپ بازارغا سېلىۋېدۇق، ماروژنىنىڭ بازىرى ياخشى بولدى، يىل ئۆتكەنسېرى ئېشىنچا پۇلىمىز ئاشتى. 1999 – يىلى بازارنىڭ ئاۋات جايىدىن، يەنى ھازىرقى ‹‹دوستلۇق›› سودا سارىيىنىڭ ئالدىدىن مۇقىم دۇكان سېتىۋېلىپ، دۇكان مۇلازىمىتىگە ئاپتوموبىل سەپلەپ، بازار قوغلاپ دوغچىلىق، ماروژنىچىلىق، ناۋايلىق قىلدىم. يولۇم كېڭەيدى، نامىم چىقتى، خېرىدارىم كۆپەيدى، پۇلمۇ تاپتىم. بازار ئېچىلغانسېرى كۆزمۇ ئېچىلىدىكەن، شۇڭا تىجارەت كۆلىمىنى يىلسېرى كېڭەيتتىم، يېتىشەلمىسەم ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتىم.

 سىزنى ئىدىش دوغچىلىقىنى ماشىنىلاشقان ماروژنى ياساشقا ئۆزگەرتىپ ئۈنۈمىنى كۆردى، دەپ ئاڭلىدىم، مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرسىڭىز.

 2009 – يىلى كاللامدىن ‹‹قاچانغىچە بۇ كونا ياغاچ ئىدىشتا ماروژنى چىقىرىپ ساتىمەن››، دېگەن ئوي كەچتى. بۇ ئوينىڭ تۈرتكىسىدە غۇلجىغا باردىم. شۇ چاغدا غۇلجىنىڭ سوغۇق ئىچىملىك كەسپى خېلى تەرەققىي قىلغانىدى. غۇلجىدا كەسىپ ئىگىلىگەچ 50 مىڭ يۈەنگە زامانىۋى ماروژنى چىقىرىش ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ يۇرتۇمغا قايتتىم. شۇنىڭ بىلەن ياغاچ ئىدىشتا ماروژنى چىقىرىشتەك ئەنئەنىۋى ئۇسۇلغا خاتىمە بېرىپ، زامانىۋى ماشىنا ئارقىلىق ماروژنى چىقىرىشقا يۈزلەندىم. ماروژنىنىڭ قىشتىمۇ بازىرى ياخشى بولغاچقا، تىجارىتىم يىلدىن – يىلغا يۈكسەلدى. جىڭ، ئارشاڭ ۋە ھەرقايسى يېزا – بازار، مەيدانلاردىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر مەندىن ماروژنىنى توپ سېتىۋېلىپ، پارچە ساتىدىغان بولدى، كۈندە زاكاز بويىچە 500 كىلوگىرام ماروژنى ساتىدىغان بولدۇم. تىجارىتىم ياخشىلانغاچقا، دۇكان كۆلىمىنى يەنە كېڭەيتتىم. دۇكىنىم ھازىر كۈنىگە 400دىن ئارتۇق ئىستېمالچىنى رازى قىلالايدىغان، ئايدا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىغان، تىجارەت تۈرى 30 خىلغا، ئىشچى – خىزمەتچى 18گە يەتكەن، جىڭ، ئارشاڭ ناھىيەسى، ئالاتاۋ شەھىرىگە كۈنىگە بىر توننىدىن ماروژنى سېتىپ چىقىرالايدىغان، 200 كىۋادرات مېتىرلىق ماروژنى ساقلاش ئىسكىلاتى بار ماروژنى سېتىش ئورنىغا ئايلاندى.

 بۇ جەرياندا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟ دەپ سورىدىم يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ.

 پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، ئېغىر قىيىنچىلىققىمۇ ئۇچرىمىدىم، مەبلەغ جەھەتتىن ئازراق قىينالغانىدىم، يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆسۈمسىز قەرز بېرىشى بىلەن بۇ قىيىنچىلىقنىمۇ ھەل قىلدىم. ئىشقىلىپ، تىرىشسا، ئىزدەنسە بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدىكەن. ‹‹جاپانىڭ تېگى راھەت›› دېگەندەك، ھازىر مەن ئىلگىرىكى نامراتلىق بىلەن خوشلىشىپ، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتىم. بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشۇم پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن كەلگەن. شۇڭا، دۇكان كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يەنىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/13/content_619249.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号