باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

دۆلەت تىلى مەكتىپى ياخشى قۇرۇلۇپ، ئارزۇ سەھنىسى ھازىرلاندى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:12 0 ئىنكاس چۈشتى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز توغرىسىدا

 گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى رېن چۇنخۇا

‹‹تامچە سۇ دېڭىزغا قوشۇلغاندىلا، ئەبەدىي ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدۇ، بىر مىللەت ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ باغرىغا يۇغۇرۇلغاندىلا، مەڭگۈ تەرەققىي قىلالايدۇ››. بۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىيازنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆزى.

 مانا مۇشۇنداق ئېنىق تونۇش ۋە يۈكسەك دۆلەت سۆيگۈسى بولغاچقا، ئۇ ئون نەچچە يىل يىغقان پۇلىغا يۇرتىدا دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى سالدى. 14 يىلدىن بۇيان، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى كۇڭزىنىڭ ھەيكىلىگە سالام بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، مەكتەپتە دۆلەت تىلى ئۆگىنىش ئاساس قىلىنىپ، بالىلارغا گۇمانىتار پەنلەر قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى سىڭدۈرۈلۈپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› كۈچەيتىلدى.

 بۇ مەكتەپتە 850 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر بالىلار. مەكتەپتىكى 32 ئوقۇتقۇچىنىڭ 29ى خەنزۇ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە پۈتۈن كۈن يېتەكچىلىك قىلىپ، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشقان ئىناق چوڭ ئائىلىنى شەكىللەندۈردى.

 ئارزۇ مەنبەسى

 ـ ساۋاقداشلار، بېيجىڭغا بېرىشنى خالامسىلەر؟

  قۇربان نىياز گۇمانىتار پەنلەر دەرسخانىسىغا كىرىپ، كوتو چېلىشنى ئۆگىنىۋاتقان بالىلاردىن سورىدى.

 ـ خالايمىز!

 كوتو چېلىشنى ئۆگىنىۋاتقان 20 نەچچە بالا تەڭلا جاۋاب بەردى، ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن خۇشال بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

 قۇربان نىياز بالىلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە: ئۇنداقتا چوقۇم ياخشى ئۆگىنىشىڭلار كېرەك، دۆلەت تىلىنى، كوتو چېلىشنى ۋە جىڭجۈي تىياتىرى ئويناشنى ياخشى ئۆگەنسەڭلار، ۋاقتى كەلگەندە ئوقۇتقۇچىڭلار سىلەرنى بېيجىڭغا ئاپىرىدۇ، سىلەر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەھنىسىگە چىقىپ ئويۇن قويالايسىلەر، تيەنئەنمىن مەيدانىغا بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرەلەيسىلەر، دېدى.

 ـ بولىدۇ، -دەپ جاۋاب بەردى بالىلار ھاياجان بىلەن.

 كىچىك چاغلىرىمدا، ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى بازارنى دۇنيادىكى ئەڭ قايناق بازار دەپ ئويلايتتىم، بۇ بازار مېنىڭ دۇنيايىم ئىدى. بىر كۈنى دادام ماڭا دۇنيادا پەقەت ئىماملىرىم بازىرى ۋە توشقان دەرياسىنىڭلا يوقلۇقىنى، كەلگۈسىدە ئۇچتۇرپاندىن، شىنجاڭدىن چىقسام، تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ رەڭدار دۇنيانى كۆرەلەيدىغانلىقىمنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن باشلاپ قەلبىم ئۈرۈمچىگە، بېيجىڭغا تەلپۈنىدىغان بولدى. ئاخىرى ئىماملىرىم بازىرىدىكى تۇنجى ئىستۇدېنت بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى كەسپىگە كىرىپ ئوقۇدۇم، دېدى قۇربان نىياز.

 قۇربان نىياز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۆلەت تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ دائىم ئىماملىرىم بازىرىغا بېرىپ تۇردى، ئەمما ھەر قېتىم بارغىنىدا كۆڭلى يېرىم بولاتتى. ئۇ چاغلاردا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت تىلى ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، بالىلارنىڭ دۆلەت تىلى ئاساسى يەنىلا ئاجىز ئىدى، بالىلارنىڭ دۇنياسى يەنىلا ئىماملىرىم بازىرى بىلەن چەكلىنىپ قالغانىدى. قۇربان نىياز: بالىلارنى چوقۇم ئويغىتىمەن، ئۇلارنى ئارزۇغا ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ بىپايان كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرىمەن، دەپ ئويلىدى.

 ئارزۇ رىشتى

 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، قۇربان نىياز مائاشىنى توختىتىپ، ئىشتاتىنى ساقلاپ قېلىپ، سىرتتا سودا قىلدى. ئۇ خەنزۇچىدىن قىينالمىغاچقا، جۇڭگونىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقتى. شەرقىي جەنۇبنىڭ دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلىرى قۇربان نىيازغا ئىدىيە جەھەتتە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى، قۇربان نىياز ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئىلغار ئىكەنلىكىنى، يېڭى شەيئىلەرنى تېز قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ ئىشچان، جاپاغا چىداملىق ئىكەنلىكىنى، ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقىنى؛ بۇ رايونلارنىڭ مائارىپقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئىلغارلىقىنى كۆردى. ئۇ شىنجاڭنى دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، روشەن پەرقنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، بۇ پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندى.

 قۇربان نىياز سىرتلاردا ئىككى يىل يۈرۈش جەريانىدا، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى. ۋاھالەنكى، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىكى، بەزى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە، دۇنيا پەقەتلا ئاشۇ نەچچە مو يەر، نەچچە تۇياق قوي بىلەن چەكلىنىپ قالغانىدى، ئۇلار ئۈچۈن ئىشىكى ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان توشقان دەرياسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دەريا ھېسابلىناتتى. بىر قېتىم بىر موماي قىز نەۋرىسىنى باشلاپ قۇربان نىيازنىڭ دورا دۇكىنىغا دورا ئالغىلى كەلدى، قۇربان نىياز بىر قاراپلا بالىغا سۇ چېچىكى چىققانلىقىنى بىلىپ، مومايغا قانداق داۋالاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى، ئەمما موماي ئويلىمىغان يەردىن، ‹‹نەۋرەم بەك چىرايلىق بولغاچقا، كۆز تەگدى، باشقىلار ئەپسۇن ئوقۇتۇپ، مۇشۇنداق بولۇپ قالدى››، دەپ قۇربان نىيازنىڭ گېپىنى يوققا چىقاردى. بۇنداق ئىشلارغا نۇرغۇن قېتىم ئۇچرىغاندىن كېيىن، قۇربان نىياز دورا يېيىش، ئوكۇل ئۇرۇشنىڭ بەدەندىكى ئاغرىقنى ساقايتالىسىمۇ، ئەمما روھىي گادايلىق بىلەن ئىدىيە نامراتلىقىنى داۋالىيالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

 بۇ ئىش قۇربان نىيازنى تەشۋىشكە سالدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر يۇرتداشلىرى سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل بولسىمۇ، ئەمما مائارىپقا نىسبەتەن ئىدىيەسىدە قالاقلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىك بولغانلىقتىن، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاسانلا ئۇچراپ كېتەتتى. توشقان دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان قۇربان نىياز دائىم يۇرتى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايتتى. بىر قېتىم ئۇ ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇستا سومكا كۆتۈرۈۋالغان ئۈچ بالىنى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى، قۇربان نىياز قىزىقسىنىپ بالىلاردىن:

 ـ نەگە ماڭدىڭلار؟ -دەپ سورىدى.

 ـ مەكتەپكە ماڭدۇق، -دەپ جاۋاب بەردى بالىلار.

 ـ يېزىدىلا مەكتەپ بارغۇ؟ -دەپ سورىدى قۇربان نىياز چۈشەنمەي.

 ـ بىز ناھىيە بازىرىدا دۆلەت تىلى مەكتىپىدە ئوقۇيمىز، -دەپ ئۈنلۈك جاۋاب بەردى بالىلار.

 بالىلارنىڭ شۇ پەيتتىكى پەخىرلەنگەن ھالىتىگە قاراپ، قۇربان نىيازنىڭ كۆڭلى ۋاللىدە يورۇپ كەتتى. ئۇ ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا كەينىگە قايتتى، شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلگەنىدى.

 تىل ئۇقۇشماسلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشى، زامانىۋى مەدەنىيەتكە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەپ تۇرغان بىر چوڭ توسالغۇ، شۇنداقلا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئاسانلا سوقۇنۇپ كىرىدىغان يوچۇق ئىدى. قۇربان نىياز بالىلارغا دۆلەت تىلى ئۆگەتكەنلىك ئۇلارغا زامانىۋى مەدەنىيلىككە يېتىپ بارىدىغان كۆۋرۈك سېلىپ بەرگەنلىك، دەپ ئويلىدى. ئۇ مائارىپ ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىيىتىگە كەلگەنىدى.

 ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىماملىرىم يېزىلىق (ھازىر ئىماملىرىم بازىرى) پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، 2003 – يىلى كۈزدە قۇربان نىياز قۇرغان ئىماملىرىم يېزىلىق دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇش باشلاندى.

 ئارزۇ رېئاللىققا ئايلاندى

 ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدا، دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىمىز ناھايىتى تېزلا ئىزىغا چۈشۈپ، تېخىمۇ ياخشى مەكتەپ قۇرۇش شارائىتىغا ئىگە بولدۇق، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتۇق، ھازىر شۇنچە چوڭ مەكتەپمۇ بىزگە كىچىكلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇلتۇر، مەكتىپىمىزنى 1 – تۈركۈمدە پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى بىر ئوقۇغۇچى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتتى، بالىلارنىڭ ئۇچتۇرپاندىن، ئاقسۇدىن، شىنجاڭدىن چىقىپ، بىۋاسىتە پايتەختىمىز بېيجىڭغا بارالىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئارزۇيۇممۇ روياپقا چىقتى، دېدى قۇربان نىياز مەمنۇنلۇق بىلەن.

 مەكتەپنىڭ 120 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان گۇمانىتار پەنلەر پائالىيەت مەركىزى قۇربان نىياز ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان جاي. ئۇ تونۇشتۇرۇپ: ئىلگىرى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردە بالىلار ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش بىلەنلا چەكلىنەتتى، پائالىيەت مەركىزىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەكتىپىمىز كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئەرخۇ، ياڭگىر ئۇسسۇلى، كوتو، قورشاۋ شاھمات، ھۆسنخەت قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق، دېدى.

 ھازىر، بالىلىرىنى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتۇش ئىماملىرىم بازىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزا – بازارلاردىكى ھەر بىر ئاتا – ئانىنىڭ ئارزۇسىغا ئايلاندى، بالىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان بولدى.

 ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، قۇربان نىيازنىڭ تېلېفونى توختىماي سايرايدۇ.

 قۇربان مۇدىر، قۇربان ھېيتىڭىزغا، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! مەن مۇسا تۇرغۇن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، نەزەر دائىرەم خېلىلا كېڭەيدى، سىز توغرا دەپسىز، دۇنيا ئىماملىرىم بازىرىلا ئەمەس ئىكەن، سىرتقى دۇنيا ھەقىقەتەنمۇ شۇ قەدەر چوڭ ئىكەن، – دېدى 2016 – يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن مۇسا تۇرغۇن 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۇستازى قۇربان نىيازغا تېلېفون قىلىپ.

 قۇربان مۇدىر، مەن ئېسىڭىزدىمۇ؟ مەن ئەينى يىللاردىكى ئەڭ شوخ بالا ئابدۇرېشىت مۇتەللىپ، مەن ھازىر تيەنجىندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كېلىپ قالاي دېدى، بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن!

 قۇربان مۇدىر، مەن ئوقۇغۇچىڭىز ئالىيە ئابدۇرېھىم، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتىمەن، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن!

 بالىلارنىڭ راۋان دۆلەت تىلىدا تىلىگەن تىلەكلىرى قۇربان نىيازنىڭ دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى ياخشى قۇرۇش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

 قۇربان نىياز: ئىماملىرىم بازىرىدىن بىر بالىنىڭ سىرتقا چىقىشى ئىماملىرىم بازىرىغا قوشۇلغان بىر تۆھپە. بالىلارنىڭ راۋان دۆلەت تىلىدا سۆزلىيەلىگەنلىكىدىن پەخىرلىنىمەن، بالىلار ئۈچۈن دۆلەت تىلى مائارىپىنى قەتئىي بوشاشماي داۋاملاشتۇرىمەن، دېدى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/13/content_619259.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号