باش بەت

خەۋەرلەر

3417يوللانما
21مەستانە

تەڭرىتاغ يېزىسى دېھقانلارنىڭ كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچىدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:13 0 ئىنكاس چۈشتى

 ئابلىمىت ئابلىز خەۋەر قىلىدۇ: قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ تەڭرىتاغ يېزىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

 تەڭرىتاغ يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاياللارنى كەشتىچىلىك تېخنىكىسى بويىچە ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئۈچۈن، يېقىندا يېزىدىكى 150 ئايالنى كەشتىچىلىك بويىچە تەربىيەلىدى. بۇ يېزا يەنە كەپشەرلەش، مانتىيورلۇق، تىككۈچىلىك كۇرسلىرى ئېچىپ ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. كان – كارخانىلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزىدا خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/13/content_619241.htm



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号