باش بەت

خەۋەرلەر

3417يوللانما
21مەستانە

شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 15:42 0 ئىنكاس چۈشتى

 پەرھات مىجىت، چىمەنگۈل قاسىم خەۋەر قىلىدۇ: شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ بازىرى چوڭ گۈلباغ كەنتىدىكى نۇرنىسا ئېزىز ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن 2014 – يىلى شايار ناھىيەلىك ‹‹ئەلگە نەپ›› چارۋا باقمىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ رويخەتكە ئالدۇرغانىدى. ھازىر بۇ شىركەت گۈلباغ بازىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى ياخشى سۇپىغا، نۇرنىسا ئېزىزمۇ بازار بويىچە نامى چىققان بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى.

 بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن نۇرنىسا ئېزىز ئەينى چاغدا باقمىچىلىق قىلماقچى بولغاندا، مەبلەغ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بۇ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالمىغانىدى. شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، نۇرنىسا ئېزىزنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، باقمىچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنى 200 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ بۇ مەبلەغنىڭ تۈرتكىسىدە ‹‹ئەلگە نەپ›› چارۋا باقمىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى. ھازىر بۇ شىركەت تەدرىجىي كۆلەملىشىپ، چارۋا قوتان قالدۇقى 1700دىن ئېشىپ، شىركەتنىڭ يىللىق كىرىمى 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى. نۇرنىسا ئېزىز يەنە ھۆسن تۈزەش مەركىزىدىن ئۈچنى ئېچىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان 45 ئايالنى شىركەتكە ۋە ھۆسن تۈزەش مەركەزلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

 ئۇقۇشىمىزچە، شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان شەھەر – يېزا ئاياللىرىنى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەن. ئاياللارنى تېخنىكا ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن 47 قارار ئېچىپ، 5500 ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلەپ، ئاياللارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

 شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇكەررەم ئېزىز مۇنداق دېدى: بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاياللارنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ناھىيەمىزدىكى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئەۋزەل شارائىت ياراتتۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر مەبلىغىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيەمىزدىكى ئاياللارنىڭ تۈر مەبلىغى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە داۋاملىق ياردەم بېرىمىز.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/13/content_619242.htm



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号