باش بەت

خەۋەرلەر

3276يوللانما
18مەستانە

يوپۇغا ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە «ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن» بولۇپ تەقدىرلەندى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:17 0 ئىنكاس چۈشتى

 ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا يوپۇغا ناھىيەسى ‹‹2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن›› بولۇپ تەقدىرلەندى.

 بۇ ناھىيەدىن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابلىمىت سىدىق ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ بىزنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرىمىز.

 بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە خىزمىتىدە زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ۋە خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى قىلىپ، خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرۇشنى تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەقسىتى قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى. ئىلگىرى – كېيىن 150 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، يېزا – بازار، كەنت، ئاھالە كومىتېتى ۋە مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەيدانى، تۈرلۈك ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىشلىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ناھىيەدە جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى قۇرۇپ، 2016 – يىلى 5 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، مىللىيچە چېلىشىش ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىدە دۇنيا جىنىس رېكورتى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. بۇ ناھىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدىكى 4 – ئەۋلاد ئەنئەنىۋى چېلىشىش ۋارىسى مېھمان ھەمرا 2013 – يىلى ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى مىللىيچە چېلىشىش تۈرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى›› دېگەن نامغا ۋە بۇ يىل 1 – ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2016 – يىللىق ‹‹تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنى باھالاش›› مۇراسىمىدا ‹‹ئاممىۋى تەنتەربىيە روھى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ناھىيەنىڭ ئاچچىق يېزىسىدىكى ئەنئەنىۋى چېلىشىش ماھىرى ئابدۇللا ھوشۇر بىر نەچچە قېتىملىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە ئىزچىل چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمىدى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/13/content_619253.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号