باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

ئىلى ئوبلاستى ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئالىي شەرەپكە ئېرىشتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:17 0 ئىنكاس چۈشتى

 ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا تيەنجىندە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، توققۇزتارا، غۇلجا، نىلقا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىرى ‹‹2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن›› دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ ئىلى ئوبلاستىدىكى ليۇ يىشۈەن، جاڭ جيەنفاڭ، ۋاڭ پىڭ، تېڭ گۈيگودىن ئىبارەت تۆت شەخس ‹‹2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.

 ھازىرغىچە ئىلى ئوبلاستىدا مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە خىزمىتىدە ئىلغار ناھىيەدىن ئۈچى (كۈنەس، قورغاس، چاپچال ناھىيەلىرى)، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدە ئىلغار ناھىيەدىن بىرى (چاپچال ناھىيەسى)، مەملىكەت بويىچە ‹‹مىليونلىغان دېھقان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى››دە ئىلغار يېزا – بازاردىن تۆتى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسىدىن بىرى بولۇپ، كۈيتۈن شەھىرى، غۇلجا شەھىرى ئايرىم – ئايرىم مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتى، دېھقان – چارۋىچىلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن، نىلقا، قورغاس ناھىيەلىرىدىكى تەنتەربىيە تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى››دە ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/13/content_619258.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号