باش بەت

نۇسرەتگۈل

7095يوللانما
89مەستانە

ئەنگىلىيەلىك قىز ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ 19 دۆلەتنى ساياھەت قىلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:30 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لوندوندا تۇرىدىغان 23 ياشلىق قىز بىرىدىي ۋىلكىنسون (Bridie Wilkinson) ھەشەمەتلىك ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 19 دۆلەتنى ئايلىنىپ بولغان. يېقىندا بىرىدىي ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ چىقالىغانلىقى توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكى دەل تېجەشلىك بولۇش. ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى بېلىق ۋە كۆكتات كونسېرۋاسى يېدى. شۇنىڭ بىلەن ئېيىغا 600 فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 5128 يۈەن) ئامانەت قويدى. بىرىدىي ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى ھەشەمەتلىك مېھمانخانىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، مالدىۋىغا بارغان ۋاقىتلىرىدىن ناھايىتى ياخشى ھوزۇرلانغانلىقى، ئىتالىيەنىڭ كىچىك بازىرىدىكى قۇياش نۇرىغا ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ئۇ بۇنداق تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىق بەرگەنلىكى، ھەر ھەپتىلىك يېمەك-ئىچمەك پۇلىنى 15 فوندستېرلىڭغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 128 يۈەن)، قاتناش خىراجىتىنى 10 فوندستېرلىڭغا چۈشۈرگەنلىكى، كېچىلىك بەزمىخانىلارغا بارمىغانلىقىنى ئېيتتى. 

بىرىدىي: «ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىم مېنى ئۆزىنى قىينىدى دەپ قارىدى. بىراق، مەن بۇنداق قىلىشتىن ھېچقاچان ئىككىلىنىپ باقمىدىم. چۈنكى بىرەر ئىشنى ياقتۇرۇپ قالغان ئادەم ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشتە ئىككىلەنمەيدۇ» دېدى. ئۇ يەنە: «دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. ساياھەت قىلىش بارلىقىمنى ئۆزگەرتتى، دۇنيادىكى يېڭىلىقلارنى بايقاشقا مەپتۇن بولۇپ قالدىم. بۇ بايقاشلار مېنىڭ تېخىمۇ پىشىپ-يېتىلىشىمگە پايدىلىق. مەن ئادەتتە خىزمەت قىلمىغان ياكى ساياھەت قىلمىغان ۋاقىتلىرىمدا قەيەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى پىلانلايمەن. چۈنكى بۇ دۇنيا تولىمۇ گۈزەل» دېدى. ھازىر بىرىدىي باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىدىن ئىلھام ئېلىپ مۇشۇنداق تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ھوزۇرلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەفسۇس1 ئاي ئىلگىرى

    راستىنلام نۇرغۇن كىشىلەر ھەۋەس قىلغۇدەك تۇرمۇشكەن

  • ئسرافىل ئەخمەت ، شايار .1 ئاي ئىلگىرى

    ھەۋەس قىلدىم ، نىمدىگەن پەيزى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号