باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
46مەستانە

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى تۇنجى قېتىم مېكسىكىنىڭ دۆلەت بايرىمىغا قاتناشماقچى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:46 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

«رېيتېر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 12-سېنتەبىر، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ماتىسنىڭ مۇشۇ ھەپتە مېكسىكىغا بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ماتىس مېكسىكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنىگە قاتناشقان ئامېرىكىنىڭ تۇنجى يۇقىرى قاتلام رەھبىرى بولۇپ قالىدىكەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى، چېگرا تېمى سەۋەبلىك جىددىيلىشىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ماتىسنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ھېلىھەممۇ مۇداپىيە ئىشلىرىدىكى ياخشى ھەمراھلاردىن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ». 

تىرامپ ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىپ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۇ يەنە مېكسىكا ھۆكۈمىتىدىن تام سېلىشقا كېتىدىغان خىراجەتنى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان، مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالغان. ھالبۇكى، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى، پولكوۋنىك دەيۋىسنىڭ دېيىشىچە، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ماتىسنىڭ بۇ قېتىملىق مېكسىكا سەپىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىيە ھەمكارلىقى ۋە شىمالىي ئامېرىكا ئورتاق گەۋدىسىدىكى ۋەدىسىنى نامايان قىلىدىكەن. ماتىس 15-سېنتەبىر مېكسىكىغا يېتىپ بارىدىكەن، بۇ قېتىملىق سەپەر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىرىنىڭ مېكسىكىنى بەشىنچى قېتىم زىيارەت قىلىش بولۇپ قالىدىكەن. 

16-سېنتەبىر مېكسىكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى. مېكسىكا 1810-يىلى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قوزغاپ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق مۇستەقىللىق كۈنىدىكى كۆپ قىسىم پائالىيەتلەر 15-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مېكسىنىڭ دۆلەت بايرىمىغا بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلۈشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 1846-، 1848-يىلى يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئامېرىكا-مېكسىكا ئۇرۇشى مېكسىكا خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئەسلىمە قالدۇرغانىكەن، مېكسىكا مۇشۇ ئىككى ئۇرۇشتا يېرىمدىن كۆپرەك زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغانىكەن. بۇ ئۇرۇش، ئامېرىكا-مېكسىكا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىدىكى سەزگۈر مەسىلە بولۇپ قالغانىكەن. 

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكىدا زەھەرلىك بۇيۇم سودىسىغا زەھەر بېرىش جەھەتتە كۈچلۈك ھەمكارلىق بېشارىتى كۆرۈلۈۋاتماقتىكەن. بۇ يىل 4-ئايدا، مېكسىكا ئارمىيەسى ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ كۆكنارنى نازارەت قىلىشىغا ۋە يوقىتىشقا يول قويغان، ئەينى چاغدا مېكسىكا ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ تىك ئۇچاردا سىنالا ۋە چىۋاۋا ئىشتاتىدىكى ئالتە جايدىن ئۆتكەن، بۇ ئىككى ئىشتات بىلەن دورانگو ئىشتاتىنىڭ چېگرالىنىدىغان جايى مېكسىكىنىڭ «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» بەلبېغىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号