باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل «1-خانىم»--جەكۋىلىن كېننېدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:46 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1953-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى كېننېدى ئەر-ئايال رودېس ئارىلىدىكى نېۋپورت شەھىرىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شۇنىڭدىن باشلاپ جەكۋىلىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل «1-خانىم»غا ئايلاندى. 

جەكۋىلىن كېننېدى ئەمەلىيەتتە ئۇنچە چىرايلىق ئەمەس. بىراق، ئۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل «1-خانىم»؛ ئۇ خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس. بىراق، ئالىيجانابلارغا خاس مىجەزى، سىپايە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۇنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى.

1960-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ھەرقايسى جايلاردا زۇڭتۇڭ سايلىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندە ھامىلىدار جەكۋىلىن كېننېدى يولدىشىدىن ئايرىلمىدى. 

سۈرەتتە، كېننېدى ئەر-ئايال ۋە ئۇلارنىڭ ئوغلى جون فىتزگېرالد كېننېدى 2. كېننېدى جەمەتىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى كىچىك جون كېننېدىغا باغلانغانىدى. بىراق، 1999-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى كىچىك جون كېننېدى ئايروپىلان ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا ئايروپىلاندا يەنە ئۇنىڭ 33 ياشلىق ئايالى ۋە ئايالىنىڭ ئاچىسى بار ئىدى.

بۇ جەكۋىلىن كېننېدى 1961-يىلى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش 1-خانىم بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان تۇنجى سۈرىتى.

يولدىشى بىلەن بىللە بارغان رەسمىي زىيارەتلەرنىڭ ھەممىسىدە جەكۋىلىن دىپلوماتىيە قورالى بولدى، «تولىمۇ سۆيۈملۈك كېننېدى خانىم» دەپ ئاتالدى. بۇ 1961-يىلى كېننېدى ۋە خىروشېف ۋېينادىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا تارتىلغان سۈرەت.

كېننېدى ئەر-ئايال ئەنگىلىيەنى زىيارەت قىلغاندا ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت ئەر-ئايال بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.

1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كېننېدى ئەر-ئايال تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى جون كوننولىينىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ تېكساس ئىشتاتى داللاش شەھىرىنىڭ گۈللەنگەن رايونىنى ئايلاندى. ماشىنا ئەترىتى دېلىي مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا كېننېدىغا ئوق تېگىپ قازا قىلدى.

1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى جون كېننېدى قەستكە ئۇچراپ ئىككى سائەتتىن كېيىن لىندېن بەينېس جونسون ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇردا قەسەم بېرىپ ئامېرىكىنىڭ 36-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. 

بۇ كېننېدى جەمەتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتى ئاللىڭتون دۆلەت قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىسى. كېننېدى ئائىلىسىدىكى تۆتەيلەن مۇشۇ جايدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى. بۇلاردىن سول تەرەپتە تۇرغىنى كېننېدىنىڭ، ئوڭ تەرەپتە تۇرغىنى جەكۋىلىننىڭ قەبرىسى. 1963-يىلى كېننېدى مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن قەبرىسىنىڭ يېنىدىكى «مەڭگۈلۈك ئوت» ھېچقاچان ئۆچۈپ باقمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号