باش بەت

ئەخمەتجان

1524يوللانما
67مەستانە

بىر ئەر قەرز سۈيلىگۈچىنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى دەرياغا تاشلىۋەتتى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:55 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇرلۇق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 9:30 لاردا، مەلۇم بىر كىشى دېلو مەلۇم قىلىپ، شۈينەن يولىدىكى ليۇجۇ كۇڭزى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى شارقىراتمىنىڭ يېنىدا، سېسىق پۇراق چىقىپ تۇرغان كۈمۈش رەڭلىك چاماداننى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار شۇ ھامان نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتكەن، چاماداننى قىرغاققا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئىچىدە بىر ئايالنىڭ جەسىتى بارلىقىنى كۆرگەن. ئۇنداقتا، ئايال كىم؟ نېمىشقا دەرياغا تاشلىۋېتىلگەن؟ قاتىلچۇ؟.... بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى دېلونىڭ پاش قىلىنىشى بىلەن بىرلەپ-بىرلەپ چىقىشقا باشلىغان. شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تەھقىقلىگەندىن كېيىن مەزكۇر دېلوغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقارغان. 

2015-يىلى، جاۋابكار خۇاڭ خۈي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى (35 يېشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان) تەن خانىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قەرز بېرىدىغان ئىككى شىركەتتىن قەرز ئالغان. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىردىن 3-ئاينىڭ بېشىغىچە، خۇاڭ خۈي قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغاچقا، قەرز شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن تەن خانىم خۇاڭ خۈينىڭ ۋۇمىڭدىكى ئۆيىگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇ كۈنى چۈش سائەت 11 لەردە، خۇاڭ خۈي قۇلۇپ سېلىنمىغان ئۆيگە كىرىپ، تەن خانىم ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياستۇق بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى يېپىپ ھەم بوينىدىن بوغۇپ تەن خانىمنى تۇنجۇقتۇرغان، ئاندىن كىرلىكتىكى بىر تال كۈزلۈك ئىشتان بىلەن تەن خانىمنىڭ بوينىنى كۈچەپ بوغۇپ جېنىنى ئالغان. ئارقىدىن، خۇاڭ خۈي ئۆيدىكى ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قويغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن ئايرىلغان. 

قاش قارايدىغان چاغدا پىكاپتىن بىرنى چاقىرىپ كېلىپ، تەن خانىمنىڭ جەسىتىنى چامادانغا سالغاندىن كېيىن دەرياغا تاشلىۋەتكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号