باش بەت

Apple

107يوللانما
8مەستانە

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بۇزۇلۇپ قالغان ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىش قائىدىگە خىلاپمۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:16 1 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئانداق-مۇنداق كاشىلىلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ئاپتوموبىل بۇزۇلۇپ قالغاندا يول ياقىسىدا رېمونت قىلىنسا قائىدىگە خىلاپ بولامدۇ؟

يېقىندا بىر شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋاتقان چاغدا تۇيۇقسىز چاق ئېتىلىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن يول ياقىسىغا يۆتكەپ ئاپتوموبىل چاقىنى ئالماشتۇرۋاتقاندا قاتناش چارلاش ئەترىتى بايقاپ قالغان ھەم بۇ شوپۇرنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل توختاتقان دەپ جازالىغان.

شوپۇرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى مەشغۇلاتىغا قانداق ھۆكۈم چىقىرىلغاندۇ؟

قائىدە بويىچە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئەھۋال كېلىپ چىقسا قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختاتقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ:  

1. ئاپتوموبىل سەۋەبسىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىچىدە توختىتىلغان.

2. كاشىلا كۆرۈلگەندە يۆتكىگىلى بولسىمۇ جىددىي ئەھۋال يولىغا يۆتكەپ كېلىنمىگەن.

3. ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلۈپ يۆتكىگىلى بولمىغان، بىراق بەلگىلىمە بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى تىكلىمىگەن.

يۇقىرىقىدەك قىلمىشلارغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 6 نومۇر تارتىلىدۇ. ئەگەر يۈك ياكى كىرا ئاپتوموبىللىرى يۇقىرىقى قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلىدۇ.

چاق ئىتىلىپ كەتكەن شۇپۇر ئاپتوموبىلنى توختاتقاندا ئۈچ بۇلۇڭلۇق تاختىنى تىكلىگەن بولسىمۇ، ئاپتوموبىل بىرىنچى يۈرۈش لىنىيەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توختىتىلغان، بۇنىڭدا تىكلىگەن ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ رولى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شوپۇر قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل توختاتقانلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئۇنداقتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تۇيۇقسىز كاشىلا كۆرۈلگەندە، شوپۇرلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

«يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ يۇقىرىقى سوئالغا ئالاقىدار قائىدىسى: «ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈش جەريانىدا ھادىسە يۈز بەرگەن ياكى كاشىلا كۆرۈلگەندە، شوپۇر دەرھال خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى يېقىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا توسالغۇ بولمايدىغان جايغا ئاپىرىپ توختىتىشى كېرەك. يۆتكەش قىيىن بولسا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنال چىرىغىنى داۋاملىق ياندۇرۇپ، ئاپتوموبىلدىن 150 مېتىر يىراقلىققا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى قويۇش، قاتناش ۋاسىتىسىدىكى كىشىلەرنى دەرھال يولنىڭ ئوڭ ياقىسىغا ياكى ئېھتىيات يولىغا يۆتكەش ھەمدە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.»

 

تۆۋەندىكى ئۈچ مەشغۇلاتنىڭ بىرىمۇ كەم بولماسلىق كېرەك، بولمىسا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىمىشى سادىر قىلغانلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  1. خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى يېقىش لازىم.

2. قاتناش ۋاستىسىنى قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان جايغا يۆتكەش؛ يۆتكىگىلى بولمىغاندا خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى داۋاملىق يېقىش لازىم.

3. ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا تەرىپىدىن 150 مېتىر يىراقلىق ئورۇنغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى تىكلەش لازىم.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سازەندە2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇزاق ۋاقىت توختىتىش قائىدىگە خىلاپ ، ياكى بولمىسا ، تېلېفون بېرىپھە سۈرتۈش ماشىنىغا ئېلىپ كېتىشى كېرەك ، ياكى بولمىسا توختاش بەلبېغىغا بېرىپ رېمونت قىلىش كېرەك.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号