باش بەت

ئادىلجان

6771يوللانما
69مەستانە

Navya شوپۇرسىز ئاممىۋى ئاپتوبۇسى لوندوندا سىناق قىلىندى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:08 0 ئىنكاس چۈشتى


techweb تورى 13-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپلىگەن پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارغا بەكلا قىزىقىۋاتىدۇ، بىزمۇ گۇگولنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شوپۇرسىز ئاپتوموبىل سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما لوندوندا يەنە بىر شىركەت ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ. Keolis UK بۈگۈنكى كۈندە لوندون ئولىمپىك باغچىسىدا بىر شوپۇرسىز ساپ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى كۆرگەزمە قىلدى. بۇ شوپۇرسىز توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ نامى Navya بولۇپ، يولۇچىلار باغچا ئايلانما لىنىيەسىدە بۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ. 

ئىگىلىنىشچە، بۇ شوپۇرسىز ئاپتوبۇسقا 15 ئادەم سىغىدىكەن، Keolis UKنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەرقانداق پىيادە ياكى قاتناش قورالى ھەيدەپ ماڭغانلار بىلەن سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنالايدىكەن. ئەمما ھازىرقى باسقۇچتا ئۇلار بىر قىسىم تاسادىپىيلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئاپتوبۇسقا بىر «بېلەت ساتقۇچى»نى ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ھازىرقى سۈرئىتى پەقەت 5 مىل/سائەت (سەككىز كىلومېتىر/سائەت). 

تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، Keolis UK كەلگۈسىدە Navyaنى ئاممىۋى يوللارغا ئېلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ رەسمىي يول يۈرۈش سۈرئىتى 30 مىل/سائەت (48 كىلومېتىر/سائەت)تىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. 

ئەمەلىيەتتە Navya لاس ۋېگاستا مۇناسىۋەتلىك سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، مۇشۇ ئايدا Navya كامېرا ۋە GPSنىڭ ياردىمىدە لوندون ئولىمپىك باغچىسىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر كىلومېتىرلىق ئايلانما لىنىيەدە 19 كۈن سىناق قىلىندى. ئەگەر سىز بۇ شوپۇرسىز ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا قىزىققان بولسىڭىز ھەم ئۆزىڭىز لوندوندا بولسىڭىز ئولىمپىك ۋېلسىپىت مۇسابىقە مەيدانى (Velodrome)نىڭ يېنىدىكى Timber Lodge قەھۋەخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ساقلاپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.

پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى تەكرار سىناق قىلىش ئارقىلىق چوقۇم شوپۇرسىز ئاپتوموبىلغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيالغا ئېرىشىدۇ. بەلكىم كەلگۈسىدە چوڭ-كىچىك كوچىلاردا قاتناپ يۈرگەن شوپۇرسىز ماشىنا، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号