باش بەت

بېرنابۇ

619يوللانما
18مەستانە

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: خانلىق مادرىد VS ئاپوئېل مۇسابىقىسىگە نەزەر

مەنبە:جىبو 8 تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 19:04 38 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتە سەھەر سائەت 00:45 تە، 2017/2018-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى H گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا، ئاپوئېل كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

مۇسابىقە خاراكتېرى: 2017/2018-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى H گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: 9-ئاينىڭ14-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 00:45 

مۇسابىقە ئورنى: بېرنابۇ توپ مەيدانى

●رونالدو قايتىپ كەلدى

بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولغان ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە رونالدو قىزىل كارتا ئىستېمال قىلىپ، ئىسپانىيە دۆلەت ئىچىدىكى بەش مەيدان مۇسابىقىىدىن چەكلەنگەن. خۇشخەۋەر بولسا، بۇ چەكلىنىش ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. رونالدو بۇ قېتىم خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن رەسمىي مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلدى، كوماندىنىڭ كوزىر توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى «شاھلىق» ئورنىنى داۋاملاشتۇرالامدۇ؟ خانلىق مادرىدقا ياردەملىشىپ، يېقىنقى بىر قانچە مەيدان تەڭلىشىشتەك ۋەزىيەتىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەتە سەھەردە چىقىدۇ.

●ئاپوئېل كوماندىسىنىڭ رىقابەت كۈچى تەڭپۇڭ

ئاپوئېل سىپرۇس بىرلەشمىسىنىڭ زەردار كوماندىسى بولۇپ، ئۇدا ئىككى يىلدىن بىرى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئەمەلىي كۈچى ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان رەقىبى خانلىق مادرىدنىڭ ئالدىدا، ئۇلار قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپوئېل كوماندىسى بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشممىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقسىىدە، ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت بىر توپ كەتكۈزگەن، بۇنىڭدىن بۇ كوماندىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

●زىدانى كوماندىنىڭ ھالىتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇلامدۇ؟

يېڭى پەسىللىك بىرلەشمە باشلىنىپ، خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ باقمىدى، ھەم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. ئەمما ئىپسانىيە بىرلەشمىسىدە خانلىق مادرىد ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئارقىمۇ-ئارقا (ۋالېنسيا بىلەن لېۋانت كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن) تەڭلىشىپ، ئۈچ ئايلانما مۇسابىقىدە ئاران بەش نومۇر ئالدى. بۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش نىشانى قىلغان خانلىق مادرىدقا نىسبەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان نەتىجە. بۇ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئاجىز رەقىبى ئالدىدا، زىدانى بىر مەيدان قىرغىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق كوماندىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى قايتۇرۇپ كېلەلەمدۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالىم2 ئاي ئىلگىرى

    مادرت بۇقېتىم يەڭمىسىمۇ بولماس، بۇكۇلۇپنىڭ ئسمى نىمىتى ئىشقىلىپ بازار قىممىتىمۇبەك تۈۋەن 38.5مىليون ياۋرۇ دەمدو ئىشقىلىپ ئەرزان كولۇپكەن بولانى يڭەممىسە سەتتۇرا، بارىسلوناما بازار قىممىتىمۇبەك يۇقىرى بولغان يوۋىنتوسنى يەڭدىغو،

  • مەمەتجان2 ئاي ئىلگىرى

    بەزەنلىرىڭلا خۇددى بارسلونا خانلىق مادرىدنى ئۇتۇپ باقمىغاندەك گەپ قىپ كىتىدىكەنسىلەر بارسلونانى چۈشۈرۈپ خانلىق مادرىدنى بەك كۆتۈرۈپ كىتىدىكەنسىلەر شۇنداق يامان بولسا پۈتۈن چىمپىيۇنلۇقنى ھىچكىمگە بەرمەي يلغۇز ئالسا بولمامدۇ رونالدوما شۇنداق يامان بولسا ئالتون توپ ،پۇتبول ئەپەندىسى قاتارلىق شەرەپلەدە مىسسىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئاۋارە بولغىچە ئالدىدا ماڭسا بولمامدۇ

  • قەدىر2 ئاي ئىلگىرى

    ئەپسۇس، cctv5 تە نەخمەيداندىن تارقاتمايدىكەن. ۋاي كۆڭلۈم.

  • kkkk2 ئاي ئىلگىرى

    ئۈلكەرj نۇرداش توغرا دەيسەن، ئەتىكى باساچىلانىڭ ئىنكاسىنى كۆگەندەك بولدۇم·

  • ئسكەندەر2 ئاي ئىلگىرى

    مۇسابىقنى قايسى قانالدا بېردۇ قېرىنداشلار

  • رونالدو 72 ئاي ئىلگىرى

    غاجاشلىرىنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ ، رونالدونىڭ ئالدىدا مىسسى ھېچقانداق لوڭقىغا ئېرىشەلمىدى ئەمەسمۇ؟

  • 182******002 ئاي ئىلگىرى

    بەزى تورداشلار پەرەزگە يامانكەن ھە توپ دىگەن يۇملاق نەرسە كىم بىلىدۇ مادرىدنى قىرغىن قىلامدۇ ھەر ئىككى كوماندىغا ئامەت تىلەيمەن مانچېستىر بىرلەشمىسى ئىبراھىموۋىچ مەستانىسى

  • ئسكەندەر2 ئاي ئىلگىرى

    مەن خانلىق مادرىد مەستانىسى لىكىن مۇسابىقگە بىرنىمە دىگلى بولمايدۇ خانلىق مادرىد ساڭا ئامەت تىلەيمەن بارسىلونەمۇ شۇنچە قالتىس

  • ئۈلكەرj2 ئاي ئىلگىرى

    قىرغىن قىلمىسا سەت ،،تۇرا دەپ ئالدىنئەلا ،،ئەتە غاجىغىلى سۆڭەك تەييارلاۋاتامسىلەر ،،،ئۇتتۇرۋەتسىغۇ بولدى ،،،،ئاز توپ پەرقى بىلەن ئۇسىمۇ ئاغزىڭلار يەنىلا بىسىقمايدۇ كۆپ توپ ئۇرۋەتسە ئاجىزنى بوزەك قىلدى ،،،دەيسىلەر ،،،كىچىكىڭلەردە ،،ئالبىنىنى كۆپرەك يەۋەتكەن چىراي

  • ئۈلكەرj2 ئاي ئىلگىرى

    باساچىلارنىڭ ،،،پۇتبول بىلىمى بەك ئاز بولسا كىرەك سىلەنىڭ بىلدىغىنىڭلار شۇ مىسسى ،،،بارسىلونا ،،،شاتۇتتەك ،،،سۆزلەۋىرسىلە ،،،بۇ تىمىدا 80% رونالدونى غاجاپ چىقتىڭلار ،،،،سىلەر نىمەنچە ئۆچلۈك قىلسىلەر ئۇنىڭغا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号