باش بەت

ئابدۇجېلىل سەمەت

73يوللانما
3مەستانە

رۇسىيەنىڭ ھەر يېرىدە مۇقەددەس ئوت

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 18:01 0 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇرۇش ئىزلىرى بار، نەچچە ئەسىرلىك ئۇرۇش ئوتى ۋە تۆكۈلگەن قاندا تاۋلانغان رۇسلار ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە قاراملىقىنى ساقلاپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ سۈپىتى قورقۇمسىزلىقتۇر. بۈگۈنكى كۈندە، ياشلارنىڭ تويىدىكى مۇراسىملارنىڭ بىرى دەل شۇ يەردىكى قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغا بېرىپ گۈل تەقدىم قىلىش. سانكىت پېتىربۇرگدا ھەر قاچان ئىمپىراتور پېتىرنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا گۈل تەقدىم قىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋال يەنە چاۋشيەندىلا بولۇشى مۇمكىن. رۇسىيەنىڭ ھەر قانداق جايىدا قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى يېنىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئوتنى كۆرگىلى بولىدۇ.

رۇسىيەنىڭ تارىخى شەھىرى نوۋگوروتتا بىر ئانا ئىككى بالىسى بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى خاتىرە سۇپىسى ئالدىدا تۇرماقتا. بالىلار كىچىكىدىنلا مۇشۇنداق تەربىيە ئالىدۇ.

موسكىۋا قىزىل مەيداندىكى نامسىز قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىدىغانلارنىڭمۇ كۈندە ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، موسكىۋاغا زىيارەتكە كەلگەن چەتئەل رەھبەرلىرىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ گۈل تەقدىم قىلماي ئۆتمەيدۇ.

پوستتا تۇرۇۋاتقان ئەسكەر

ئۇلار سائەتتە بىر ئالمىشىدۇ.

لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان مۇقەددەس ئوت

يىراق سىبىرىيەدىمۇ مۇقەددەس ئوت بار.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۆھپە كۆرسەتكەن ئېغىر قوراللار

قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى

 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号