باش بەت

نۇسرەتگۈل

7776يوللانما
112مەستانە

تايلاندتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز مۇنار سېلىنىدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:21 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 13-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇزۇن ئۆتمەي تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدە يېڭىدىن بىر بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش سېلىنىپ، تۇنجى مەنزىرە مۇنارى بولۇپ قالىدىكەن. 459 مېتىرلىق بۇ مۇنار مائېنام دەريا ساھىلىغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 4600 كىۋادرات مېتىر قىلىنىدۇ، دۇنيادىكى ئېگىز مۇنارلار ئىچىدە 6-ئورۇنغا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا 1-ئورۇنغا تىزىلىدۇ، ئېگىزلىكى نۆۋەتتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئېگىز مۇنار دەپ قارالغان كۇئالالومپور بىناسىدىنمۇ (421 مېتىر) ئېشىپ كېتىدۇ.

تايلاند ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ تۈرنى تەستىقلىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تەننەخى 138 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ مۇنارغا كېتىدىغان چىقىمنى 50 نەچچە خۇسۇسىي تىجارەت ئورگىنى تەمىنلەيدۇ، 2019-يىلى پۈتىدۇ.

2016-يىلى تايلاندقا ساياھەتكە بارغانلارنىڭ سانى 32 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسى 72 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى. 2020-يىلىغا بارغاندا بۇ ساننىڭ 41 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشى پەرەز قىلىنماقتا. ساياھەتچىلىك تايلاندنىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %17.7نى ئىگىلەيدۇ.

تايلاند ساياھەتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىتتىرىس (Ittirith Kinglake) بۇ مۇنارنىڭ تايلادنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号