باش بەت

ئادىلجان

6872يوللانما
70مەستانە

سىنوۋدېن ئالمىنىڭ Face ID چىراي تونۇش تېخنىكىسى «ئەندىشە ئارىلاش ماختىدى»

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:52 5 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما بۈگۈن سەھەردە ئېلان قىلغان ئون يىللىق خاتىرە نۇسخىدىكى iPhone Xتە ئەنئەنىۋى Touch ID بارماق ئىزى سېنزورىدىن ۋاز كېچىپ، ئورنىغا ئەڭ يېڭى ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى Face IDنى ئىشلەتتى، ھالبۇكى كىشىلەر بۇ تېخنىكىغا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولماقتا. چەت ئەل تېخنىكا تاراتقۇسى theverge بۇ تېخنىكا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا، ئۇمۇ بارماق ئىزىدا قۇلۇپ ئېچىشقا ئوخشاش رېئال ئىسپاتلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن بولغاچقا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار كېيىنكى كۈنلەردە دېلو تەكشۈرگەن ۋاقىتتا ئىشلەتكۈچىلەردىن چىراي پەرقلەندۈرۈش سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (NSA)نىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئېدۋارد سىنوۋدېنغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ بەكرەك ئەندىشە قىلىدىغىنى شەخسىي مەخپىيەتلىك مەسىلىسى. ئۇ توردا يازما ئېلان قىلىپ ئالمىنىڭ Face ID تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك لايىھەسىنى ماختىدى، ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرگەندە قالايمىقان ئىشلىتىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدىكەن. 

ھۆكۈمەت نازارەتچىلىكىدىكى تېخنىكىلارنىڭ بىرى بولغان چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىزچىل تۈردە شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش تەشەببۇسچىلىرى ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا پۇقرالار ئەركىنلىكى ئىتتىپاقى (ACLU)نىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە بۇ تېخنىكا ھۆكۈمەتنىڭ گۇمانلىق تېررورچىلارنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرەلىسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل نازارەتچىلىككە ئىشلىتىلىدىغان سىستېما ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەۋلانىم2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق دىمەڭلا باللا سۈرخاننىڭ يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ قالىدۇ بىكا ھى ھى

  • DAKAR2 ئاي ئىلگىرى

    مانا ئايفون x تىخى بازارغا سىلىنماي تۇرۇپلا بىخەتەرلىك مەسىللىرى چىقىۋاتىدۇ بىر چىشلەپ تاشلىۋەتكەن ئالما.

  • مىسران2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇخلىسىمۇ سامسۇڭ دەپ چۈشەيدىغان سۇرخان جەمەتى، قارىغاندا ماۋۇ سۈرخاننىڭ ئىشىكى ئوخشايدۇ

  • ئالما شىركىتى2 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان نىرىتۇرساڭچا كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي مازدەك داملىۋېردىكەن بۇ سۈرخان

  • سۈرخان2 ئاي ئىلگىرى

    سامسوڭ بەك ياخشى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号