باش بەت

خەۋەرلەر

2999يوللانما
12مەستانە

سەددىچىن سېپىلىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئىمارەت رېمونت قىلىندى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:16 0 ئىنكاس چۈشتى

    رېمونت قىلىش تاماملانغاندىن كېيىنكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ قوشۇمچە ئىمارىتى (10-سېنتەبىر فوتوسى).

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: سەددىچىن سېپىلىنىڭ خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرى جۇساۋيىڭ بازىرى جيۇمىنكو كەنتىدىكى بىر قوشۇمچە ئىمارىتىنى قوغداش، رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى يېقىندا تاماملاندى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىمارەتنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدىكەن. بۇ ئىمارەت چوڭ، كىچىك ئىككى كۆۋرۈك گۈندىسىدىن تەركىب تاپقانىكەن. دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بۇ ئىمارەتنى رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن 3 مىليون 210 مىڭ يۈەن ئاجراتقان. قۇرۇلۇشچىلار بۇ ئىمارەتنى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇش شەكلى بويىچە يېپىشقاق گۈرۈچ لېيىنى ئىشلىتىپ، قالپاقلىق مىخ، تاش قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن رېمونتلىغان، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن جايلارنى ئۆز جايىدا قوپۇرغان ھەمدە ئىمارەت ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن.

(ياڭ شياۋ فوتوسى)


  

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/13/content_619231.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号