باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2639يوللانما
23مەستانە

ئاپتوموبىل سېتىۋالسا باج ئېلىنمايدىغان، يوللىرىدا قىزىل چىراغ يوق كىچىك دۆلەت

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:40 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

نوپۇسى 80 مىڭغا يەتمەيدىغان تاغ ئارىسىدىكى دۆلەتنىڭ كىشى بېشى GDP سى فىرانسىيەدىن كۆپ. بۇ دۆلەت دەل ئاندوررا كېنەزلىكى. غەربىي جەنۇبىي ياۋروپادىكى بۇ كىچىك دۆلەت فىرانسىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ چېگراسىدا بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىدۇر. دۆلەت ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەرنىڭ ساياھەتچىلىكى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، ئەڭ مۇھىمى بۇ دۆلەت باجسىز دۆلەتتۇر، بۇ يەردە بارلىق نەرسىلەردىن باج ئېلىنمايدۇ، ھەشەمەتلىك بۇيۇملار، چالغۇلار، موتوسىكلىت، ئاپتوموبىللار قاتارلىقلاردىن بىر دوللارمۇ باج ئېلىنمايدۇ. دۆلەت كىچىك بولسىمۇ، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى سىپورت ئاپتوموبىلى، بۇيرۇتۇپ ياسالغان دەرىجىدىن تاشقىرى سىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. 

ئاندوررا كېنەزلىكىنىڭ يوللىرىدا قىزىل چىراغ يوق، بىراق ھەممە ئادەم قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىدۇ، ئاپتوموبىل ۋېلىسىپىتقا يول بېرىدۇ، ۋېلىسىپىت پىيادىلەرگە يول بېرىدۇ. دۇنيادا ئاندوررا كېنەزلىكىدىن باشقا ماداغاسقار ئارىلىدىمۇ قىزىل چىراغ يوق. ئاندوررا كېنەزلىكى «قار تېيىلىش جەننىتى» دېگەن نامى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر، بۇ دۆلەت ئاساسلىقى ساياھەتچىلىك، پۇل مۇئامىلە، سودىغا تايىنىپ گۈللەنگەن، پۇقرالارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 38 مىڭ 235 دوللار، بۇ يەردە بىر دانە سىپورت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش ئۇنداق تەس ئەمەس، ئازراقلا پۇلىڭىز بولسا ئاپتوموبىل دېگەن تولا گەپ. 

نوپۇسى 80 مىڭغا يەتمىسىمۇ، بىراق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ماكلارېن S650 نى ئاندوررا كوچىلىرىدا ھەيدەپ ماڭسىڭىمۇ، بۇ يەردىكىدەك «ۋاھ» دەپ قاراپ قالىدىغانلار يوق. 

يول، توختالغۇ، مېھانخانا ئالدى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە سىپورت ئاپتوموبىللىرى قاتارىغا تىزىلىپ كەتكەن. سۈرەتتىكىسى، بېنىز AMG GTC، بۇ تىپتىكىسى دۆلىتىمىز بازىرىغا سېلىنمىغان. بۇ يەردىكى بايلار بۇنداق ئېسىل ئاپتوموبىللارنى يولدا توختىتىپ قويۇپلا خاتىرجەم كېتىۋېرىدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 24 مىليون يۈەن، ئەمما ئاندوررا كېنەزلىكىدە بۇ پۇلنىڭ يېرىمى بولسىلا سۈرەتتىكى بۇ ئاپتوموبىلنى ئۆيىڭىزگە ھەيدەپ كېتەلەيسىز. 

ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان مىتسۇبىشى EVOنىمۇ بۇ يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. قارىماققا بۇ پىكاپ بەكلا ئادەتتىكىچە كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى بۇ پىكاپنىڭ باھاسىنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋەتتى. بۇنىڭ باھاسى نىمكەش فارارى F430 يېقىنلىشىپ قالىدۇ. 

ئاندوررا كېنەزلىكىنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ناھايىتى ئالاھىدە، سول تەرەپ ئۈستىدە دۆلەت گىرىبى، ئاستى تەرەپتە دۆلەتنىڭ ۋاكالەت ھەرپى AND، ئوڭ تەرەپتە ۋاكالەت نومۇرى، رەقەم بار. 

پۈتۈن دۇنيادا پەقەت بىرلا بار پاگانى دەرىجىدىن تاشقىرى سىپورت ئاپتوموبىلى، پاگانى Zonda LM Roadsterنىڭ گەۋدىسى پۈتۈنلەي كاربون تالادىن ياسالغان، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 30 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىراق، باجسىز دۆلەت ئاندوررا كېنەزلىكىدە 2 مىليون دوللار بولسىلا خەقنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىدىغان بۇ ئاپتوموبىل سىزنىڭ بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئومەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    بار دغان يەكەن بۇ ناۋايلق قپ كەسەم بۇلەمدكې

  • سازەندە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاھ بولىدىغان يەر ئىكەن ھە بۇ بىر ساياھەت قىلىپ كېلىدىغان يەر ئىكەن ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号