باش بەت

ئادىلجان

6872يوللانما
70مەستانە

گۇگول 250 مىليون دوللار ئاجرىتىپ يېڭىدىن ئۈچ ئىشخانا بىناسى سېتىۋالىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 18:07 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگول شىركىتى ئۆزىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى كۆلىمى چوڭ باغچە رايونىغا يەنە ئۈچ يېڭى ئىشخانا بىناسى كۆپەيتىدىكەن ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن 245.5 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپتۇ. ئىچكى قىسىمدىكى ئېلخەتتە كۆرسىتىلىشىچە، گۇگول كەلگۈسى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە ئۈچ بىناسى ئۈچۈن نەچچە مىليون يۈەن قىممىتىدىكى يەر-مۈلۈك سودىسىنى تاماملايدىكەن. تۇنجى سودا پەيشەنبە كۈنى تاماملىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىككىسىگە 225 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ Sunnyvale شەھىرىدىكى Moffett Park Dr 215-نومۇر ۋە بولىگىس كوچىسى 1190-نومۇرغا جايلاشقان. 

گۇگولنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىس Jay Bechtelنىڭ بىر ئېلخەتتە ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى ئىشخانا بىناسى 298 مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز چىسى (تەخمىنەن 28 مىڭ كىۋادرات مېتىر) كېلىدىكەن، نۆۋەتتە ئىچى قۇرۇق ئىكەن. 

ئىككىنچى سودىنىڭ قىممىتى 20.50 مىليون دوللار بولۇپ، 9-ئاينىڭ 20-كۈنى تاماملىنىدۇ، بۇ بىر كۆلىمى 27 مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز چىسى (تەخمىنەن 2508 كىۋادرات مېتىر) كېلىدىغان ئىشخانا بىناسى بولۇپ، Sunnyvaleدىكى E Caribbean Dr 270 نومۇرغا جايلاشقان. نۆۋەتتە بۇ ئىشخانا بىناسىنى سودا يۇمشاق دېتالى شىركىتى JFrog ئىشلىتىۋاتىدۇ. 

ئىلگىرى سانلىق مەلۇمات مەركىزى ساقلىغۇچى شىركىتى NetApp دۈشەنبە كۈنى يوللىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھۆججىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، گۇگول بۇ شىركەتنىڭ قولىدىن Sunnyvaleغا جايلاشقان 318.7 مىليون قىممىتىدىكى ئۈچ ئىشخانا بىناسىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان. گۇگول يەنە 7-ئايدا Sunnyvaleنىڭ بىرقانچە ئورنىدىكى يەرنى سېتىۋالغان، ئومۇمىي قىممىتى 800 مىليون دوللار. 

گۇگولنىڭ كەسىپلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا دائىم خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ كەڭرى ئىشخانا بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. يېقىندىن بۇيان گۇگول ئىزچىل تۈردە كالفورنىيە تاغ مەنزىرىسى شەھىرىدىكى باش ئىشتابىنىڭ سىرتىدىكى قوشنا شەھەرلەرگە كېڭىيىش يولىنى ئىزدەۋاتىدۇ، مەسىلەن: بۇ شىركەت كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان جوسې شەھەر مەركىزىدە بىر چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال گەۋدە قۇرۇپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号