باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8763يوللانما
422مەستانە

پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئېتانول بېنزىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 18:26 11 ئىنكاس چۈشتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋازى «ئاخبارات ۋە گېزىت تەرمىلىرى» پىروگراممىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق 15 تارماق يېقىندا بىرلىشىپ «بىيو يېقىلغۇ ئېتانول ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ۋە ئاپتوموبىللاردا ئېتانول بېنزىن ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان. لايىھەگە ئاساسەن، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئاپتوموبىللاردا ئېتانول بېنزىن ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردىكەن.
يېقىلغۇ ئېتانول بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى بولۇپ، ئېتانول بېنزىن ئىشلەتكەندە ئاپتوموبىللاردىن چىقىدىغان كېرەكسىز گاز تەركىبىدىكى كاربون، ئۇششاق زەررىچە ماددا ۋە باشقا زىيانلىق بۇلغىما ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازلىتىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلايدىكەن. نېفىت سەرپىياتى چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېتانول بېنزىننى نېفىتنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمكەن. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئاشلىق بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە تېخىمۇ مۇھىمكەن.
جۇڭگو خەلقئارا قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى نېفىت-خىمىيە، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق سانائىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لې يۇخۇا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغاندا مۇشۇنداق مۇددەت ۋە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئاشلىقلارنى ئايلاندۇرۇش تېزلىتىلىدۇ، تەمىنلەش جىددىي ۋاقىتلاردا ئاساسلىقى مانىھوت قاتارلىق كىراخمال تۈرىدىكى خام ئەشيالار بىلەن ئېتانول ئىشلەپچىقىرىپ، ياخشى تەڭشەش ۋاسىتىسى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىئو يېقىلغۇ ئېتانول كەسپىمۇ مۇددەت ۋە ئۆلچەمدىن ئاشقان ئاشلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئېتانول بېنزىننى ئومۇملاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئېتانول بېنزىن ئىستېمال مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكى مەملىكەت بويىچە بېنزىن ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 1/5 قىسمىنى ئىگىلىدى. 2020-يىلىغا بارغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ بىيو يېقىلغۇ ئېتانولدىن يىللىق پايدىلىنىش مىقدارى 10 مىليون توننىغا يېتىدۇ. «يولغا قويۇش لايىھەسى» بويىچە مەشغۇلات قىلغاندا، 2020-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت ئاساسىي جەھەتتىن ئېتانول بېنزىن ئىشلىتىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەركەم6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ماشىنامنى ئۆزگەرتىپ بەش يىل ھەيدىگەن، بىراق ئىككى يىل بولدى ناھىيە تەۋەسىدە ساتمىغاندىن كېيىن بېننىزىندا ھەيدەۋاتىمەن …لېكىن بەك ياخشى، ماشىنە بەك كۈچلۈك بوپ كېتىدۇ، سۈرئىتىمۇ تېزلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى سەرپىياتى كۆپرەك …

  • مايمۇن6 كۈن ئىلگىرى

    ئېتانول بېنزىن دىمەك ئىسپىرىتلىق بېنزىن دىمەكتۇر ، ئىسپىرت ئاشلىق زىرائەتلەرنى ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ ، دىمەك ئىسپىرىتنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى ئاشسا ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجى ئاشىدۇ، بۇ ياخشى خەۋەركەن .

  • چۈجە خوراز6 كۈن ئىلگىرى

    يا پاناۋ ، بايام تىخى مەملىكەت خەۋەرلىرىدە كۆرگەنتىم بۇنى ، بىردەمدە تەرجىمە قىپ بوپتۇ

  • 182******836 كۈن ئىلگىرى

    ئىتانول دىگەن ئىسىپىرىت شۇ، ئادەتتىكى ماشىنىلاغا ماس كەلمەيدۇ ، ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ

  • گۈل تېرىغانلىق6 كۈن ئىلگىرى

    ئېتانول بىنزىننىڭ ئاساسىي تەركىبى ئىسپىرت (ئىسپىرت يەرلىك نام،ئېتانول بولسا خەلىقئارالىق نامى)بولۇپ تەركىۋىدە كىراخمال بولغان ئاشلىق تۈرۈدىكى ماددىلاردىن ئېچىتش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ،ئادەتتىكى شارائىتتا سويۇق ھالەتتە ،كۆيگەندە كاربون تۆت ئوكسىد ۋە سۇ ھاسىل قىلىدۇ،ھاۋانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان ئازوت ۋە گۈڭگۈرت ئوكسىدلىرىنى ھاسىل قىلمايدۇ،مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايىتقىلى بولىدۇ،شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم يېزا-ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى بولغان ۋەتىنىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسھۇلاتلىرىنىڭ بازىرىنى تېخىمۇ سىجىل تەرەققىي قىلدۇرغىلى دىھقانلارنىڭ كىرىمنى زوردەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ

  • ئۇچقۇن6 كۈن ئىلگىرى

    ھازىرقى ماشىنىلارغا ماس كىلەمدىغاندۇ؟

  • رەجەپ توپاق6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ مەخسۇس بۇزۇلغان چىرىگەن ئاشلقتىن ئايرىپ ئېلىندىغان بىئولوگىيەلىك يېقىلغۇ،بۇخل يېقلغۇ ئۇمۇملاشسا دۆلتىمىز رۇسيە ۋە ئوتتۇرا شەرىقنىڭ نىفىنتىغا تاينىشتىن قۇتۇلىدۇ،ئىنىرگىيە بىخەتەرلكى كاپالەتكە ئىگە بۇلىدۇ،

  • قادى ساراڭ6 كۈن ئىلگىرى

    قانداق بىنزىن بۇ 92 95.نۇمۇرلۇق بىنزىن شۇمۇ ئەمەسمۇ

  • مەۋلان6 كۈن ئىلگىرى

    ئاشلىقتىن چىققىنىغاقارىغاندا راس مۇھىتنى ئاسرايدىغان يىقىلغۇ ئۇخشايدۇ تەبىئەتنى خۇش قىلايلى مۇھىتنى ئاسرايلى

  • مىسكىن6 كۈن ئىلگىرى

    ئىسپىرتنى دەۋاتساكېرەك كېرەك.ئوتتۇز ھەرپ توشمىدىمۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号