باش بەت

Saharqi

117يوللانما
1مەستانە

iPhone X چىراي تونۇش ئىقتىدارىدىن مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىلا چاتاق چىقتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 20:00 31 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى.

«ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، iPhone Xنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالما شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەمەلدارى كىرەيگ (Craig Federighi) كۆپچىلىككە iPhone Xنىڭ چىراي تونۇش تېخنىكىسى — FaceIDنى تونۇشتۇرۇۋاتقاندا، بۇ يېڭى ئىقتىدار تۇيۇقسىزلا كارغا كەلمەي نەق مەيداندا ئوسال بولۇپ قالغان.

بۈگۈن ئالما شىركىتى سىتىۋ جوبىس تىياتىرخانىسىدا كۆپچىلىكنى تەقەززا قىلغان iPhone Xنى ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئېچىپ، بۇ يانفوننىڭ چىراي تونۇش ئىقتىدارى FaceIDنى نامايان قىلدى. ھالبۇكى ئالما شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىرەيگ بۇ يېڭى ئىقتىدارنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلغاندا مەغلۇپ بولدى، iPhone X ئۇنىڭ چىرايىنى پەرق ئەتمەي، مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئارقىدىنلا ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا: «بىز يەنە بىر قېتىم سىناپ باقايلى» دەپ زاپاس يانفوننى قولىغا ئېلىپ يېڭى ئىقتىدارنى سىناق قىلدى، نەتىجىدە بۇ قېتىم يانفون ئۇنىڭ چىرايىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پەرق ئەتتى. ئىككىنچى قېتىم سىناق قىلغان چاغدا كىرەيگ يانفوننىڭ ئېكرانىغا بىرلا قارىشى بىلەن ئېكران قۇلۇپى ئېچىلدى.

ئالما شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن ئەمەلدارى فىل شىللېر (Phil Schiller): «يانفوننىڭ ئېكران قۇلۇپىنى ئېچىش مۇشۇنداق دەرىجىدە ئاسانلاشتى، بۇ دەل بىزلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئىشلىتىدىغان قۇلۇپ ئېچىش ئۇسۇلىمىز» دېدى.

iPhoneXگە TrueDepth سۈرەتكە تارتىش سىستېمىسى ۋە قىزىل نۇر كامېراسى قاتارلىق باشقا يېڭى ئىقتىدارلار سەپلەنگەن. ئىشلەتكۈچى يانفوننىڭ ئېكرانىغا قارىسا، يانفون ئادەمنىڭ يۈزىگە قىزىل نۇر تەسۋىرىنى چۈشۈرىدۇ، ئاندىن ئۇچۇرنى ئەقلىي كومپيۇتېرغا يوللاپ ئادەم يۈزىنىڭ مودېلىنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق يانفون ئىگىسىنى پەرقلەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا مەيلى قاراڭغۇ مۇھىتتا بولسۇن FaceID ئىقتىدارى ئوخشاشلا ئۆز رولىنى جارى قىلالايدۇ.

فىل شىللېر يەنە FaceID ئىقتىدارىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەر تۇيمىغان چاغدىمۇ ئىجرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. FaceIDنىڭ ئىچىگە ئۆزەك كونتروللىغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، ھەر سېكۇنتىغا 600 مىليارد قېتىم مەشغۇلات قىلالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ FaceID ئىقتىدارىنىڭ رەسىمنى پەرق ئەتمەيدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ يېڭى يانفوننى تەتقىق قىلغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ ھوللىۋۇد گۇرۇپپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ FaceID ئىقتىدارىنىڭ نىقاب قىلتىقىغا چۈشمەيدىغانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، FaceID ئىقتىدارى ئالما چىقىمدانى Apple Pay شۇنداقلا باشقا ئۈچىنچى تەرەپ دېتاللىرىدىمۇ قوللىنىلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ؟世界你一个6 كۈن ئىلگىرى

    ۋۇي بابۇرجان ئاغزىڭىزنى ئېچىپ دىمەي باشقا يەلىرڭىزدە يۇمۇپ تۇرۇپ دىدىڭىزمۇ؟ باشقىلانى تىللايدىغان تۇققىنىڭىزمۇ يا باشقىلا؟

  • 135******706 كۈن ئىلگىرى

    ئىكران قۇلۇپىنىڭ بەزى چاغدا مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى ئىشلەش ئىشلىمەسلىكنى ھازىرچە ئىنىق دەۋەتمەڭلا قۇلۇڭلارغا تەگەندە ئاندىن بىلىسىلە كىچىككىنە ئىشلارنى شۇنچە چوڭ بولغان شىركەت ئويلىماي تەتقىق قىلماي قالاما ھەي نادان باللار … ماۋۇ شاۋمىي نوت 3 نىڭ چىراي ئارقىلىق قۇلۇپ ئاشقاندا بۇرۇننىڭ ئاستىنى قۇلى بىلەن ئىتىۋالغان بولسىمۇ ئېچىلىپ كەتتى ، لىكىن رەسىمنى ئەكىلىۋىدى ئېچىلمىدى ، ئالمىنىڭمۇ بۇنىڭدىن قىلىشماس كىچىسى قاراڭغۇدىمۇ چىراق يوق بولسىمۇ تۇنۇيدىكەن غۇ … مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ياخشى كۆرىڭلار يەنە خېلى ياخشى ئىختىدار لېرى باركەنغۇ ۋاھ دەپ قالغۇدەك … تېخى تىلفۇننى تۇتۇپ باقمايلا ئاندىغى ماندىغى دەپ كىتىش لېرى بار بەزىلەرنىڭ …

  • 135******706 كۈن ئىلگىرى

    ئالمىغا ئۆچ بوپ كەتكەنلە بۇرۇن ماختىغان بولغىيتتىڭلا … ئۆزىمىز سېتۋېلىپ ئىشلىتەل مىگەن بولساقمۇ ئىختىدار جەھەتتە ئالمىدا چاتاق يوق بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز باھاسىغا كەلسەك راس قىممەت بۇ تەرەپنى ئەيىپلەشكە بۇلدۇ … بەزى بېر ئالمىنى تىللىغان قېرىنداشلار باركەن ئازراق بولسىمۇ كاللىنى ئىشلىتىپ گەپ قىلايلى … بەكمۇ كۆرۈنەرلىك ئىختىدار قېتىلمىغان ئالما 8 نى بۇرۇنقىغان ئوخشاش يىڭىلىقى يوق دەپ گەپ تاپساق، ئىختىدار ھەم شەكلى جەھەتتە ئالما x ئۇنىمۇ بېرنىمە دىسەڭلە سىلەرگە زادى قانداق مەھسۇلات چىقىرىپ بەرسە بۇلاتتى ، سەنشىڭ نىڭ ئىكرانىنى ئىشلىتىپتۇ دوراپ ئۆزىلېرى يىڭىچە ئىكران چىقىرالماپتۇ دەپ شۇمۇ گەپمۇ ، بەرە نەرسىنى ئىجاتقىپ چىخماق شۇنچە ئاسانمۇ بەلكىم سەنشىڭنىڭ ئىكرانىدىنمۇ ياخشى ئىكران تەتقىق قىلۋاتامدۇ ، كىم كىمنى دورىمىغان دوراش دىگەن گەپكە كەلسەك سەنشىڭ مۇ بەرەسىنى دورىمىغانما ، بارماق ئىزقدا قۇلۇپ ئاچىدىغاننى كىم ئاۋال چىقارغان ، قۇلىڭدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇننى كىم چىقارغان ئاۋال ئۇنتۇپ قالدىڭما … باشقا ماركىدىكى تىلفۇننى ياخشى دىگەنلە ئاشۇ تىلفۇننى ئېلىپ ئىشلەت ھەركىمنىڭ تاللىشى كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ بۇ يەردە قۇرۇق پاراڭسەپ خەقنى بېرنىمە دەيدىغانغا سالاھىيىتىڭمۇ توشمايدۇ ، يامان بولساڭ ئۆزەڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى ياساپ باقە قۇلۇڭدىن پوق مۇ كەلمەيدۇ … ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ھەركىمنىڭ تاللىشى كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ بەزىگە ياخمىغىنى بىلەن بەزىلېرىگە ياقىدۇ ، بىز خەققۇ بەرەسى روناق تېپىپ كۆتۈرۈلۈپ كەتسە كەينىدىن گەپ تاپىدىغان ئادەم چۈشۈپ كەتسە يۈلەپمۇ قويمىز لىكىن ھې ھې ھەي بۇ خەقنى زە دىمىگەن گىپى قالمايدىغان چېغى …

  • ÐãЯT正在删除中6 كۈن ئىلگىرى

    3.14نىڭ گىپى ئورۇنلۇق قوللايمەن

  • ساراڭ 6 كۈن ئىلگىرى

    باللا بۇ ھەممىسى بىر ئويۇن ئەمسە ئەرلەر گىرىم قىلمىغان دىكىن ئەرلەر ئىش لىتى ۋىرىدۇ

  • مېخانىك6 كۈن ئىلگىرى

    بابۇرجان دېگەن قارا قوساق سامسۇڭنىڭ 3يىل ئىلگىرىكى تېلغۇنىمۇ چىراي تۇنۇيدۇ دۇت قاپاق

  • جەسۇر6 كۈن ئىلگىرى

    ھەنىم بولسا ئايالىم ئالىمەن دەپ غەلۋە قىلمايدىغان بولدى،كەچتە گىرىمنى يۇيىۋەتسە تېلفۇننى ئاچالماي قىينىلىپ كىتىدۇ

  • مىسران6 كۈن ئىلگىرى

    مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دەل شۇنداق بولغان ، مەنمۇ بىر خىل ئويلاپ قاغانتىم

  • 3.146 كۈن ئىلگىرى

    سىكونتىغا 600مىليارد قېتىم ھاسابلايمىش،ئالتە يادرو دېسەكمۇ ھەر بىرى 100مىلياردتىن كەلدى دىسەكمۇ،بىر مىللىي سىكنوتتا 100مىليون قېتىم ھېسابلايدۇ دىگەن گەپ،بۇ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئېكراننىڭ قۇلۇپىنى ئىچىشقىلا ئىشلىتەمدۇ ياكى سېستىمىمۇ؟ھېسابلاشمۇ ئۇنداق ئاسان قوشۇشنى ھېسابلىغىنىدەك ئەمەس،ئىشىپ كەتكەندەك بىلىندى ئاۋۇ گەپ،

  • 3.146 كۈن ئىلگىرى

    رىۋايەتلەتدىكى ئاتالمىش مۇكەممەل بولغاندا بازارغا چىقىرىدۇ دىگەن مۇشۇ بولسا كېرەك،سەۋەبىگە تەبىر بېرۋىتىڭلارچۇ،ياكى ئالما قاتمايدۇ دېسەڭلارمۇ ھېساب،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号