باش بەت

رازى

1574يوللانما
38مەستانە

شامال تەگسە بېشى قايىدىغان ئايال 10 يىلغىچە نىقاب تاقاپ يۈردى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 18:40 0 ئىنكاس چۈشتى

2017-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھىرى. مۇخبىر ئەمدىلا ئورۇۋېلىنغان شال ئېتىزلىقىدا يۈزىگە «نىقاب» تاقىۋالغان ۋاڭ فامىلىلىك ئايالنى ئۇچراتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بېشىغا كىيىۋالغىنى يۇڭ يىپتىن توقۇلغان يېشىل رەڭلىك باش كىيىمى بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ كۆزى، بۇرنى ۋە ئېغىزىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ قولىدىكى ئورغاق بىلەن تېخى ئورۇپ تۈگىتىپ بولالمىغان شالنى يىغىۋاتاتتى. مۇخبىرنىڭ قايتا-قايتا سورىشى ئارقىسىدا، ۋاڭ فامىلىلىك ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى، ئەسلىدە ئۇنىڭغا شامال تەگسە بېشى قايىدىغان بولغاچقا، ئاشۇنداق «نىقاب» تاقىۋالغان ئىكەن.

شياۋ خوڭفانىڭ ئىككى ئوغلى بار بولۇپ، چوڭ ئوغلى توي قىلغان، ھازىر سىرتتا ئىشلەيدۇ. ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بۇلتۇر 9-ئايدا شياۋخوڭفا باشقىلاردىن 20 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى تاغدا 300 دىن ئارتۇق توخۇ باققان، ئەمما توخۇ سېتىۋالغىلى كېلىدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك ئىدى.

مۇخبىر لوتيەن ناھىيەسى سەنبەن يېزىسى ليۇجيايوۋ كەنتىگە كېلىپ، «نىقاب» تاقىۋالىدىغان ئايالنى سۈرۈشتە قىلدى، شۇ يەردىكى بىر كىچىك دۇكاننىڭ ئىگىسى مۇخبىرغا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىش بارلىقى، ئۇ ئايالنىڭ دۇكىنىنىڭ كەينىدىكى ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. 

مۇخبىر ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئىشىك تاقاق بولۇپ، ئۆيدە ئادەم يوق ئىدى. كېيىن دۇكاندار ئايالنىڭ ئالاقىلىشىشى بىلەن، ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى بىلەن كۆرۈشتى. شياۋ خوڭفا بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن بولۇپ، سول پۇتى مېيىپ ئىدى. ئايالى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ يېشى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولۇپ، دەۋرىلىك روھىي توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان ئىكەن.

شياۋ خوڭفانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەنە ئازراق پۇل قەرز ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك توخۇ بېقىپ، پۇل تېپىپ ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاتماقچى ئىكەن.

ئارقىدىن شياۋ خوڭفا ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ مېيىپلىق كىنىشكىسىنى مۇخبىرغا كۆرسەتتى، مېيىپلىق كىنىشكىسىدە ۋاڭ فامىلىلىك يۈزىگە نىقاب تاقىمىغان بولۇپ، چاچلىرى قاپقارا، قارىماققا ناھايىتى نورمال كۆرۈنەتتى.

مۇخبىر ۋاڭ فامىلىلىككە نىقابنى ئېلىۋېتىپ چىرايىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئېيقاندا، ئۇ رەت قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号