باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

ئاۋدىنىڭ كەلگۈسىدىكى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل يۈزلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى ئۇقۇم ئاپتوموبىلى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 19:07 1 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 13-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىل 7-ئايدا ئاۋدى ئىسپانىيەدە يېڭى نۇسخىدىكى A8 بايراقدار پىكاپىنى ئېلان قىلدى. بۇ Level 3 دەرىجىلىك ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىقتىدارىغا ئىگە تۇنجى ماشىنا بولۇپ، سۈرئىتى 60 كىلومېتىر/سائەتتىن تۆۋەن بولغاندا، مەركىزىي كونترول سۇپىسىدىكى «Audi AI» كۇنۇپكىسى ئارقىلىق سىستېمىنى ئاچقىلى بولىدۇ، بۇۋاقىتتا ماشىنا قوزغىلىش، تېزلىنىش، بۇرۇلۇش، تورمۇز قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئاپتوماتىك تاماملىيالايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ چەكلىمىلىكى بولسا بۇ خىل رولى ۋە پېدالى بار ئاۋدى A8 قارىماققا بەكلا «ئەنئەنىۋى».

لېيفڭ تورىنىڭ مۇخبىرى 2017-يىللىق فرانكىفورت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە Audi AI ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى سەپلەنگەن ئەڭ يېڭى Audi A8دىن باشقا، يەنە ئەڭ يېڭى شوپۇرسىز ئۇقۇم ئاپتوموبىلى Audi Elaine بىلەن Audi Aicon ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ بىرگە ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆردى. 

Audi Elaine ۋە Audi Aicon ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئايرىم-ئايرىم ئاۋدىنىڭ Level 4 ۋە Level 5 دەرىجىلىك ئاپتوماتىك ھەيدەش نىشانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئاۋدى بۇ خىل لايىھە ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش دەۋرى يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە بازارغا قارىتىلغان مۆلچەرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلغان. 

لېيفېڭ تورى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاۋدى Elaine ئۇقۇم ئاپتوموبىلى 2017-يىللىق شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغان ئاۋدى e-tron Sportback ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئاساسىدا ياسالغانىكەن. 

Elaineنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى ئۇنىڭغا ئاۋدى A8نىڭ قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا يول باشلاش سىستېمىسى (Traffic Jam Pilot system) سەپلەنگەن، ئاۋدى ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئەلالاشتۇرۇشى ئارقىلىق Elaine ئۇقۇم ئاپتوموبىلى Level 4 دەرىجىلىك ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاۋدى Elaine تۇنجى قېتىم پۈتۈن دۇنياغا Personal Intelligent Assistant (شەخسلەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى، PIA) ئۇقۇمىنى نامايەن قىلغان. شوپۇر كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى، قاتناش توسۇلۇش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، سىستېما شوپۇرنىڭ ئادىتى ۋە قىزىقىشىدىكى ماشىنا ئىچى تېمپىراتۇرىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ماڭغان ۋاقىتتىكى ئادەتلەنگەن بىخەتەر ئارىلىق قاتارلىقلارنى ۋاستىلىك ئىگىلەپ، كېيىنكى يول يۈرۈش جەريانىدا شوپۇرغا ياردەملىشىدۇ ياكى مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىدۇ. 

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە Elaineغا بىر يۈرۈش ساپ توكلۇق ھەرىكەت كۈچى ۋە quattro تۆت چاق قوزغىلىش سىستېمىسى سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 503 ئات كۈچى، 100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 4.5 سېكۇنت، ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى 500km؛

ئادەم-ماشىنا ئالاقىسى جەھەتتە Elaine ئۇقۇم ئاپتوموبىلىغا تولۇق سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسى، مەركىزىي كونترول چوڭ ئېكرانى قاتارلىق سەپلىمىلەر سەپلەنگەن، دېمەك، بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلى يېقىن كەلگۈسىدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئاۋدى ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Elaine ئاپتوموبىلى 2019-يىلى بازارغا چىقىرىلىدىكەن. 


ئاۋدى Aicon

بۇ گېرمانىيە فىرانكفورد ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان D دەرىجىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلى Level 5 دەرىجىلىك ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىقتىدارىغا ئىگە. تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدىلىش بۇ ماشىنىنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ ياردىمىگە تايانمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

Aiconغا تولۇق رازمېرلىق قارىمۇقارشى ئېچىلىدىغان تۆت ئىشىك ئىشلىتىلگەن، ئىچىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ئاددىي، ئىچىدە رول ۋە پېدال يوق، شوپۇر بولغان تەقدىردىمۇ ماشىنىنى ھېچقانداق كونترول قىلالمايدۇ. بۇ ماشىنا ئاۋدىنىڭ شوپۇر بولمىغان بىر دۇنيا ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 

ئاۋدىنىڭ لايىھەلىگۈچىسىنىڭ قارىشىچە ئەنئەنىۋى ئالدى ۋە ئارقا چىراغ ئوشۇقچە بولۇپ قالىدىكەن. ئەكسىچە Aiconنىڭ ئالدى يۈزىگە 600 دانە 3D پىكسىللىق «يورۇقلۇق مەيدانى» ئورنىتىلغان. بۇ خىل كۆپ قاتار كارتون ۋە تۈرلۈك شەكىللەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ ھەرىكىتى ۋە مەقسىتىنى باشقا ماشىنىدىكى شوپۇر ۋە پىيادىلەرگە ئۇقتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. 

PIA تېخكىسىمۇ ئوخشاشلا Aiconغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يولۇچىلار ئۆزىنىڭ يانفونىغا ئۇلىغان ۋاقىتتا PIA يانفون ئارقىلىق ھەيدىگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈپ، شەخسلەشتۈرۈلگەن تەڭشەكنى قوزغىتىدۇ. بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلىغا تۆت دانە ئېلېكتىر ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇزۇن يوللۇق ساياھەتكە ماس كېلىدۇ، ئۇدا يول يۈرۈش دائىرىسى 700-800 كىلومېتىر. 

ئاۋدىنىڭ ئىنژېنېرىنىڭ لېيفېڭ تورىنىڭ مۇخبىرىغا دېيىشىچە، بۇ قېتىم ئىككى خىل ئوخشىمىغان شوپۇرسىز ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى كۆرگەزمە قىلىشنىڭ مەقسىتى سىرتقى دۇنياغا ئاۋدىنىڭ قىسقا ۋە ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك نىشانىنى بىلدۈرۈش ھەمدە «ئادەمنى ئاساس قىلىش»تەك قىممەت قارىشىنى كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەر بىر ماشىنىغا سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ۋەشىشى بۆرە2 ئاي ئىلگىرى

    لاھىيەسى ئالامەت ئىكەن ياراپ قويدى ...!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号