باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2694يوللانما
19مەستانە

ئاقىرىش كېسىلى سەۋەبىدىن تاشلىۋېتىلگەن قىزنى ئەسكى-تۈسكى تېرىدىغان بوۋاي بېقىۋالدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 18:32 11 ئىنكاس چۈشتى

 

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن، ئەسكى-تۈسكى تېرىدىغان 55 ياشلىق بوۋاي يول بويىدىكى قەغەز ساندۇقنىڭ ئىچىدىن پۈتۈن بەدىنى قاردەك ئاقىرىپ كەتكەن قىزچاقنى بايقىدى. بۇ قىزچاق ئەسلىدە ئاقىرىش كېسىلى بولۇپ قالغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن قىزچاقنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزچاقنى قەغەز ساندۇققا سېلىپ يول بويىغا تاشلاپ قويغانىدى. بوۋاينىڭ قىزچاققا ئىچى ئاغرىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.

بوۋاي ئەسكى-تۈسكى يىغىپ تاپقان ئازغىنە پۇلىغا سۈت پاراشوكى سېتىۋېلىپ، قىزچاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىراق، قىزچاق 6 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ بوينىغا چوڭ بىر ھۈررەك چىقىپ قالدى، يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن ھۈررەكمۇ بىللە چوڭايدى. بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ ياشاپ كەلگەن بوۋاي بىلەن نەۋرىسىنىڭ ئەسلىدىنلا غورىگىل ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇشى مۇشۇ كېسەلنىڭ دەستىدىن تېخىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، بوۋاينىڭ قولى تېخىمۇ قىسقا بولۇپ قالدى. 

بوۋاي تۇرمۇشتا قانچىلىك جاپا تارتىشىدىن قەتئىينەزەر قىزچاقنى داۋالىتىشتىن ۋاز كەچمىدى. قىزچاق بوينىغا چىقىپ قالغان ھېلىقى ھۈررەكنىڭ سەۋەبىدىن تاماق يېيەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ قىزچاقنى داۋالىتىشنى قارار قىلدى. بوۋاي قىزچاققا ئادەتتە ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قايماقلىق تورت ئەكېلىپ بەردى. قىزچاق ئوكۇل ئاسقاندا قاتتىق قىينالسىمۇ، ئەمما قەتئىي يىغلاپ سالمىدى. بوۋىسى يېنىدا بولسىلا «يۆلىكىم بار» دەپ ئويلاپ ئۆز ئۆزىگە تەسەللىي بەردى. 

نەۋرىسىنىڭ دورا پۇلىنى يىغىش ئۈچۈن، بوۋاي توپا بېسىپ كەتتى، چالمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئەرخۇسىنى ئېلىپ، ئۆزى يالغۇز كوچىمۇكوچا يۈرۈپ مۇزىكا چېلىپ ئانچە-مۇنچە پۇل تاپتى. مەيلى قانچىلىك قىينالسىمۇ، نەۋرىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى. 

كېيىن، بوۋاينىڭ ئەسكى-تۈسكى يىغىپ قىزچاقنى داۋالىتىۋاتقانلىقىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر قىزچاققا ئۆزلۈكىدىن پۇل ئىئانە قىلدى. 

قىزچاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا كېلىپ ئۇنى يوقلىدى. بوۋايغا قىزچاقنى ئېلىپ كەتكۈسى بارلىقىنى ئېيتقاندا، قىزچاق بېشىنى چايقاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. قىزچاق: «مەن ئاتا-ئانام بىلەن كەتسەم بوۋام يالغۇز قالىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىمەن» دېدى. 

بوۋاي ئىش ئۇققۇدەك بولغان چېچەن نەۋرىسىگە قاراپ: «يېشىم 70 تىن ئاشقان بولسىمۇ، ماغدۇرۇمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن. ھازىرقى بىردىنبىر ئارزۇيۇم ئۇنىڭ سەللىمازا بولسىمۇ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈش. ئۇنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىپ ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • QIMAN6 كۈن ئىلگىرى

    مىھر مۇھەببەتنىڭ پۇل ئوقوش تارىخى بىلىم سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق شۇئادەمنىڭ ئوسوپ يىتىلىش جەريانىدىكى بالىلىق دەۋرىدىكى ئاداملەر يولوققان ئشلار بەكرەك تەسىر قىلىدۇ دەپ ئيلايمەن مىنى دادام بوۋام بەك ياخشى كورەتتى كىيىن بوۋام ئاغرىپ قالغاندا ئوزوم قارىدىم دادام قىيىن ئاتام قىيىن ئانام ھەممەيلەننىڭ كىسىلىنى ئوزوم باقتىم كىسەل بىقىش جەر يانىدا ھىرىپ چارچىغىنىمنىمۇ ئۇنتۇپ ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ تىخىمۇ مىھرىبان بولدۇم ئادەمنىڭ كىيىنكى ئومرى تىخىمۇ تەسكەن ،ئەگەر بوۋام دادامنى جىنىدىن ئەزىز كورمىگەن بولسا دادم بوۋامغا ياخشى قارىمايىتتى مەن دادام بىلەن بوۋامنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنمىگەن بۇمۇھەببەت قەلببمگە مەھكەم ئورنىمىغان بولسا كىيىنكى موھەببەت مەندە پەيدا بومايىتتى بەلكىم بۇبوۋاينى تەربىيلىگەنلەر تىخىمۇ ياخشى ئادەملەر بىزمۇھەببىتىمىز ئەمىلى ئىش ھەركىتىمىز ئارقىلىق ھەممە مۇھەببەتنى بىرەلەيمىز

  • 133******176 كۈن ئىلگىرى

    مانا بۇ مىھرى مۇھەببەت دەيمىز

  • ئىسىل6 كۈن ئىلگىرى

    مىڭ سۆزىدىن، بىر ھەقىقەت ئەللا، ئىسىل ئادەم كەن

  • 133******636 كۈن ئىلگىرى

    دۇنيادا ئەڭ گۇزەل نەرسە مىھرھ موھابەت،

  • مەشئەل6 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن،بوۋاينىڭ قەيسەر، ئاقكۈڭۈل مىجەزىگە ھەقىقەتەن قول قويدۇم،ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيسەن بوۋاي

  • ئۇنۇتما6 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى كۆرسەم ، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر يەنىلا جىقكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن ؟!

  • * رامىلە *6 كۈن ئىلگىرى

    نىمە دىگەن تەسىرلىك ،كۆرۈۋېتىپ كۆزلۈرۈمگە ياش كەلدى ،،بۇ بوۋاي بەك ئاقكۆڭۈل ئادەمكەن ،،ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ،ساق-سالامەت تۇرغاي ،،،،

  • ئ‍ۇچقۇر6 كۈن ئىلگىرى

    ئ‍اتا ئ‍انىسى ھايۋاندىنمۇ بەتەر نىملەكەن كىسەل دەپ تاشلىۋەتسىلا بۇلامدۇ بالىسىنى

  • kaktus6 كۈن ئىلگىرى

    مىھىر مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ئادىمىيلىكنىڭ نىمىلىكىنى مۇشۇنداق كىشىلەردىن ئۈگۈنىش كېرەك ھەقىقەتەن بەكلا تەسىرلىككەن

  • قوشنىڭىز مەمتاخۇن6 كۈن ئىلگىرى

    ئوقۇۋېتىپ مېنىڭمۇ كۆزۈمگە ياش كەلدى ، دۇنيا ياخشى كىشى ، ياخشى ئىشلار بىلەن گۈزەل

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号