باش بەت

نۇسرەتگۈل

7776يوللانما
112مەستانە

پىۋىغا ئامراق گېرمانىيەلىكلەر ئۈچۈن ئايرودروملاردا مەيخانا ئېچىلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 19:38 4 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پىۋا تىلغا ئېلىنسا پىۋا ئىچىشكە ئامراقلارنىڭ كۆپىنچىسى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىن شەھىرىنى ئەسكە ئالىدۇ. گېرمانىيەلىكلەر پىۋا ئىچىشكە ئامراق، مىيۇنخىنلىقلار تېخىمۇ شۇنداق. مىيۇنخىنغا بىر نەچچە قېتىم بارغانلارغا ئەڭ بەك تەسىر قىلىدىغىنى ئۇ شەھەرنىڭ پىۋا مەدەنىيىتى. مىيۇنخىنلىقلارنىڭ تۇرمۇشى پىۋىدىن ئايرىلالمايدۇ. شەھەر-بازارلارنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەيخانا بار بولۇپ، بۇ جايلاردا نۇرغۇن ئادەمنىڭ پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغىنىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. بىر ئىستاكان پىۋا ئۇلارنىڭ بىكار ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈشكە يېتىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىشقا ئامراق بولغىنىغا ئوخشاش پىۋىمۇ شۇ جايدىكى ئامما ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ئىچىملىكىگە ئايلانغان.

مىيۇنخىننىڭ پىۋا تارىخىنى قەدىمكى رىم دەۋرلىرىگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە رايونىنىڭ شىمالىدىكى كۇلمباك شەھىرىدىن 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە پىۋا قاچىسى چىقتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى ئالپىس تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە تۇرىدىغان بىر توپ داۋجياۋ راھىبى قارا پىۋا ئېچىتقان، كېيىنچە ئۇنى پاپاغا سوۋغا قىلغان. پاپا پىۋىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ئۇلارنىڭ پىۋا ئىشلەپچىقىرىشىغا قوشۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ باۋارىيە رايونى ئاستا-ئاستا گېرمانىيەنىڭ پىۋىچىلىك يۇرتى بولۇپ قالغان. مىيۇنخىننىڭ شەھەر رايونىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇش تولىمۇ ئادەتتىكىچە بىر ئىش. مىيۇنخىن ئايرودورمىدا تېخى مەيخانا بار بولۇپ، بۇ ئورۇن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئۈلگۈرمەكچى بولغانلارنىڭ پىۋىغا بولغان خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. 

ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ ھاۋا قاتناش تۈگۈنىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىيۇنخىن خەلقئارا ئايرودرومى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى ئايرودروم بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئايرودرومنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە فۇنسىكىيەلىك رايونلىرىنىڭ قولايلىقلىقىدىن سىرت، يەنە يولۇچىلارنىڭ بەرگەن باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىغان مەركىزىي مەيدانغا سېلىنغان قىزىل گىلەم يەردىن ئېلان تاختىسىغىچە سوزۇلىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش يولۇچىلارنى باشقىچە يەڭگىللىتىۋېتىدۇ.

كەڭ كەتكەن مەركىزىي مەيداننىڭ تۆت تەرىپىدە ھەرخىل يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى بار بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى بوشلۇق ياۋروپالىقلارنىڭ ئادىتىگە ماس قىلىپ لاھىيەلەنگەن. كىشىلەر ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا ئولتۇرۇپمۇ قۇياش نۇرى ۋە ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلىنالايدۇ.

مەركىزىي مەيداننىڭ يېرىمىدا گېرمانىيە ئۇسلۇبىدىكى مەيخانىلار بار. گېرمانىيەلىكلەر ئادەتتىمۇ پىۋا ئىچىشكە ئامراق بولغاچقا بىكار ۋاقىتلىرىدا مەيخانىلارغا بېرىپ قانغۇچە ئىچىپ كېلىدۇ. ئايرودرومدىكى مەيخانىلار يولۇچىلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان ھەمدە ئايروپىلان ساقلاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدىغان ئاقىلانە تاللاش.

ئەنئەنىۋىي مەيخانىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئايرودرومدىكى مەيخانىلارنى تەبىئەتكە يېقىن دەپ كېتىشكە بولمايدۇ. بىراق، بۇ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى پىۋا ئىچىۋېلىش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. كىشىلەر ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا ئولتۇرغاندىن كۆرە بۇ جايغا كېلىپ پىۋا ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ناتونۇشلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ قالسىمۇ ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كېتىدۇ.

دۇنيادىكى ھېچقانداق مىللەت پىۋىغا گېرمانىيەلىكلەرگە ئوخشاش ئامراق بولغان ئەمەس. تولۇقسىز سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدە ھەر بىر ئادەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 300 لېتىر پىۋا ئىچىدىكەن، يەنى كۈنىگە بىر لېتىرغا يېقىن پىۋا ئىچىدىكەن. گېرمانىيەلىكلەر پىۋىنى سۇغا ئوخشاش ئىچىدۇ دېگەن گەپ ھەرگىز بىكار تارقالمىغان.

ناۋادا باۋارىيە رايونى گېرمانىيە پىۋا يۇرتى بولسا، ميۇنخىن پىۋا مەدەنىيىتى ئەڭ گۈللەنگەن شەھەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايوندا ھەر يىلى كۈزدە داغدۇغىلىق «ميۇنخىن پىۋا بايرىمى» ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىۋىخۇمارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. 

گېرمانىيەلىكلەرنىڭ مۇشۇ ئادىتى سەۋەبلىك ھاراقنى كۆپ ئىچىۋېلىپ ئايروپىلانغان كېچىكىپ قالىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. مۇشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مىيۇنخىن ئايرودرومىدا پىۋاخانا تەسىس قىلىنىپ يولۇچىلارنىڭ ئەندىشىسى يوق قىلىنغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتا پىۋىدىن ئايرىلالمايدىغان مىيۇنخىنلىقلار ئۈچۈن بۇ ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • رېكىس2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلارنىڭ پىۋىسىنى ئادەتتىكى پىۋىمىكىن دەپ قالماڭلار، قاڭسىق ئاچچىق ياكى ئىسپىرتلىق ئەمەس، بەك ئىچىشلىك، بەدەنگە زىيانسىز.

  • شاخدىيار2 ئاي ئىلگىرى

    پىجو خانا،،قاۋاق خانا دىگەن گەپ ئېلمى گەپمىكەن،،،نىدىكى تېتىقسىز قۇلاقا سەت ئاڭنىلدىغان گەپنى قىلىدىكەنسىز بۇرادەر،،،،يەنىلا پىۋاخانا دىگەن،،،ياخشاراق ئاڭنالمامدۇ،،،،،،،

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    جەڭ تانكىلىرى، دۇنياغا مەشھۇر پىۋاخۇمارلا دەپ چىرايلىق نامى با بۇ گېرمانلارنىڭ.

  • نامسىز2 ئاي ئىلگىرى

    پىۋېخانا دەپ ھاھاھا پىۋىزارلىق پىجوزارلىق دەپ تەرجىمە قىمماي تازا قىرلىق ئىستاكاننى كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىز كىرەك ،ئىلمىيراق قاۋاقخانا دىسەك بولاتتى ئەسلى ھى ھى ھى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号