باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

ئاقسۇ شەھىرى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 18:44 0 ئىنكاس چۈشتى

 ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇختار ئابدۇقادىر، گۈزەلنۇر ئىمىن خەۋىرى: يېقىندا ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇ شەھىرى 2015 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى بولۇپ باھالانغاندىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى خادىمىدىن 5275 ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلەپ، 9000دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىگەن. ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپ رايونىدىن بىرنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى تىجارەت مەركىزىدىن بىرنى، يېزا – كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىدىن 92نى قۇرغان.

 ئاقسۇ شەھىرى يېقىنقى يىللاردا دۆلەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى يولغا قويغانلىقىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتى.

 سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى بەش ئايدا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 269 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.14 ئېشىپ، ئېلىمىزدىكى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان 256 ناھىيە (شەھەر) ئىچىدە غەربىي شىمال رايونى بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرغان.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/13/content_619251.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号