باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

ۋولكسۋاگېن گولف Sportsvan ئاپتوموبىلى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 19:16 2 ئىنكاس چۈشتى


ۋاڭيى تورى 13-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فرانكىفورت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ۋولكسۋاگېن گولف Sportsvan ئاپتوموبىلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، سەپلىمىسى ۋە ھەرىكەت كۈچى ئەلالاشتۇرۇلغان. 

بۇ ماشىنىنىڭ ئالدى يۈزىگە قايتىدىن لايىھەلەنگەن چوڭ چىراغ ئىشلىتىلگەن، ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن كەلگەن ئالدى چوڭ چىراغ ماشىنىنى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدى چوڭ چىراغنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي ئەلالاشتۇرۇلغان، يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىغا LED چىراغ ئىشلىتىلگەن؛ قۇيرۇق قىسمىنىڭ ئىسترېئولۇق تۈسى كۈچەيتىلگەن، كېسىپ ئۆتكەن شەكلىدىكى خىروم يالىتىلغان گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان؛ بۇ ماشىنىغا 16 ديۇملۇق، 18 ديۇملۇق چاق بۇلى ئىشلىتىلگەن ھەمدە قىزىل رەڭلىك سىرلانغان نۇسخىسى كۆپەيتىلگەن. 

بۇ ماشىنىنىڭ ئارقا LED چىراغ گۇرۇپپىسى قايتىدىن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ۋولكسۋاگېننىڭ ئەڭ يېڭى لايىھەسى ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارقا بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئاستىمۇ ئۆزگەرتىلگەن، ئىككى تەرەپكە چىقىرىلغان خىروم يالىتىلغان قوش گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئەسلىدىكى يۇمىلاق شەكىللىك گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان. 

بۇ ماشىنىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشىمۇ قايتىدىن لايىھەلەنگەن، مەركىزىي كونترول سۇپىسىغا 9.2 ديۇملۇق سۇيۇق كىرىستال ئېكران سەپلەنگەن، ئۇنىڭغا ۋولكسۋاگېننىڭ Discover Pro يول باشلاش سىستېمىسى توپلاشتۇرۇلغان، قول ئىشارىسى ئارقىلىق كونترول قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ماشىنا يەنە Wi-Fi ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق يىراقتىن كونتروللاشنى قوللايدۇ، ماشىنا ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ۋولكسۋاگېن Media Control App قاچىلانغان كۆچمە ئۈسكۈنە ئارقىلىق ماشىنا سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى كونترول قىلالايدۇ. 

بۇ ماشىنىغا ئۈچ خىل TSI ماتور ۋە ئىككى خىل TDI ماتور سەپلەنگەن، يۇقىرى سەپلىمىلىك TSI ماتورغا يەنە سىلىندىر ئۈزۈلۈشنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن.

بۇ ماشىنىغا يېرىم ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسى سەپلەنگەن، سۈرئەت 60km/hتىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا شەرتلىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ماشىنا توختىتىش ياردەمچىسى، سۆرەش ياردەمچىسى، پىيادىلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارمۇ سەپلەنگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • غەنىزات2 ئاي ئىلگىرى

    مەن قوليازما ئىلان قىلدۇراي دىگەنتىم، بىراق پەقەت ئالاقىلشىش ئۇسۇلىنى بىلەلمىدىم ياردەم قىلىڭلارچۇ

  • ئىلھام2 ئاي ئىلگىرى

    پۇلىنى چىقارماپتىغۇ بىلەن ماشىنا ئىكەن بولمىسا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号