باش بەت

del103

3896يوللانما
18مەستانە

يېڭى ئېلان قىلىنغان ئۈچ خىل iPhoneنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى ئوخشاشلا 3GB

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 19:34 14 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن ئەتىگەن تىپ نومۇرى «iPhone 10, 5» دېيىلگەن يېڭى يانفون داڭلىق يانفون باھالاش سۇپىسى GeekBenchنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا پەيدا بولغان. بۇ خىل تىپتىكى يانفوننىڭ تاق يادروسىغا 4274 نۇمۇر، كۆپ يادروسىغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10248 نۇمۇر قويۇلغان بولۇپ، GeekBenchدىكى ئېرىشكەن نومۇرى 10000دىن ئاشقان تۇنجى يانفون ئۆزىكى ھېسابلىنىدۇ.

ھازىر تىپ نۇمۇرى «iPhone10, 2» ۋە «iPhone10, 3» بولغان ئىككى خىل يېڭى iPhone ئوخشاشلا بۇ تور سۇپىسىدا پەيدا بولدى. بۇ ئىككى خىل يانفوننىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچ، يەنى CPU سىغا قويۇلغان نۇمۇر «iPhone10, 5» بىلەن تەڭلىشىدىكەن. ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، ئۇنداقتا يۇقىرىقى ئۈچ خىل تىپ نۇمۇرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا iPhone X、iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plus قاتارلىق يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئۈچ خىل iPhone غا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

CPU نىڭ تاق ۋە كۆپ يادروسىغا نۇمۇر قويۇشتىن سىرىت، GeekBench دا ئاشكارىلانغان ئۇچۇردىن بايقاشقا بولىدۇكى، 2GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن iPhone 7 بىلەن 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن iPhone 7 Plusقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يىل ئېلان قىلىنغان ئۈچ خىل يېڭى نۇسخىدىكى iPhone نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى ئوخشاشلا 3GB ئىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • 挖个墙角过年2 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىغا يېتىدىغان تېلغۇن يوق ئىچكى سىغىم كىچىك بولغىنى بىلەن سۈرئىتى تېز ھەممە تېلغۇننى بېسىپ چۈشىدۇ نوچىلىقىدىن قىممەت بىلسەڭلا

  • OPPO R92 ئاي ئىلگىرى

    ئىچكى ساقلىغۇچىسى 3g بولسا راسلا سەل تۆۋەن بۇپقاپتۇ

  • ئاپلېسىن رەڭ2 ئاي ئىلگىرى

    ئىچكى ساقلۇغچى 3جى بولسا ،بولماپتۇ ،

  • ئەرۋاھ2 ئاي ئىلگىرى

    شەمشەر دىگەن ما ئاداش سامسۇڭ دەردىدە چورت كىسەل بوپ كىتىپتىمۇ قانداق ، ئالما تېلفۇن كۆزىگە جىن كۆرىنىدىكەن بۇنىڭ قارىغاندا ……… بولدىلا …

  • شەمشەر2 ئاي ئىلگىرى

    ئەرۋاھ دەيدىغان تاققا - تۇققا بىرسى باكە مايەدە
    ئالمىنىڭ سىسىقىنى كۆپ يەۋالغاندىن

  • ئەرۋاھ2 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭچىلا نوت يەتتە نى سېغىنىپسىلەردە ؟ تۈزۈك بىرنەسە بىلمەي تۇرۇپ سۆزلەپ كەتكىنىنى تېخى ئالمىنىڭ ئاشۇ 3 جى لىق ئىچكى ساقلىغۇچى سامسۇڭنىڭ 8~9 جى لىق كىسەك تېلفونىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ھەر ئەھۋالدا ئالما سامسۇڭغا ئوخشاش ئۇدۇل كەلگەن يەردە پارتىلاپ يۈرمەيدۇ……

  • مىسران2 ئاي ئىلگىرى

    ئالما 8نى 2جى دىگەنغۇ، پىلاس 3جى

  • ئايپەد پرو2 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ئەمەسمۇ ماڭىمۇ 8 يىل بولدى ئالما ئىشلىتىۋاتىمەن بىرە قېتىم زېركىپ باقمىدىم . بەزىلەر شۇ يا ئالامماي يا كۆرەممەي بەك بىچارە بوپ كىتىپتۇ

  • غەلىتە2 ئاي ئىلگىرى

    بۈگۈن مېيزۇ يانفونىنىڭ سىستېمىسى يېڭىلىنپ بەك ياخشى بوپ كەتتى دەيدىيا راسمىدۇ

  • 白花2 ئاي ئىلگىرى

    ئاران 3g سىغىمى با نىمنى نەچچە مىڭكويغا ئاغۇچە يەنىلا ئاندىرويىد ياخشىكە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号