باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8771يوللانما
423مەستانە

گۇما ناھىيەسىدىكى 25 كەنت ئاھالىسى ئۈرۈمچىگە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كەلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 19:04 2 ئىنكاس چۈشتى

چودا يېزىسىدىن كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى تەڭرىتاغ تورىغا كەلدى.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يىراققا سەپەرگە چىقىشىم، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىشىم، نۇرغۇنلىغان كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى  تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم... پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە نەزەر دائىرىمىزنى ئاچىدىغان بۇ پۇرسەتنى بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت» دېدى 12-سېنتەبىر خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئەخمەت مەتۋەلى. 

1940-يىلى تۇغۇلغان ئەخمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرىمىز كەنتلىرىمىزگە بېرىپ بىزنى يوقلايتتى، بىزمۇ بىر پۇرسەت تېپىپ ئۈرۈمچىگە بېرىشنى ئويلايتتۇق، بۇ ئارزۇيىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇق» دېدى.

بۇ كۈنى، چودا يېزىسىدىن كەلگەن ئەخمەت قاتارلىق 25 نەپەر كەنت ئاھالىسى ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلىغىلى كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى 77 ياش، ئەڭ كىچىكى 24 ياش بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كېلىشى، تۇنجى قېتىم يىراق سەپەرگە چىقىشى ئىدى.

چودا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى مەمەتجان مۇختەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چودا يېزىسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدىكى تۇغقانلار ۋەكىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەكلىپى بىلەن 11-سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، «قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.

بۇ 25 نەپەر كەنت ئاھالىسى 12-سېنتەبىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ يېزىسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى سۇلۇق ساي بازىرى دامياۋ كەنتى ۋە ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) كىچىك يېشىل جىلغا باغچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق جايلاردا ئېكىسكۇرسىيەدە بولدى، تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى شۇنداقلا ئۇلار تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندى.

مەنبە: 

http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-09/13/content_619262.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېزىزجان.1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەڭ ئاخىرىدا مىكروفىن تۇتۇۋالغىنى.چودا يېزا دېھقانچىلىق مەيدان دىن ئەخمەت ئەتۋاقى.مېنىڭ قوشنام.دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئېزىزجان.

  • ئېزىزجان.1 ھەپتە ئىلگىرى

    تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن.قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆپرەكتەرەققىياتلارنى كۆرۈپ،كۆپ پەن تېخنىكىلارنى.بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.ئىلىم پەن ھۈنەرگە بولۇپ پەرۋانە يۇرت كېزىپ ئىزدەنسە دېمە دىۋاانە مەرىپەت چىرىقى يانمىغانلارنىڭ نادانلىق ئىلكىدە قەلبى ۋەيرانە.چودا ، يىز ، پەغەز ، توغراق مەيداندىن ئېزىزجان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号