باش بەت

del103

3754يوللانما
9مەستانە

نېمە ئۈچۈن خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى iPhone Xنى ھەممىدىن بەك تىللايدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:30 15 ئىنكاس چۈشتى

ifeng تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئون يىل بۇرۇن تۇنجى iPhone ئېلان قىلىنغان كۈندىن تارتىپ ئۇ ئىزچىل ھالدا تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيەنى نامايەن قىلىدىغان ماركا بولۇپ كەلدى. ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى مۇشۇنداق بىر يانفونغا نىسبەتەن، گەرچە ئۇنىڭ بازار تېپىش-تاپالماسلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەن تەقدىردىمۇ، «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ» دېگەن قائىدە بويىچە ئالما شىركىتىگە بويسۇنۇپ كەلگەن. كىيىن iPhoneنىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى زورايدى، ئالما شىركىتى بىلەن خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىمۇ ناھايىتى زىچ بولدى.

بۈگۈن ئەتىگەن ئېلان قىلىنغان iPhone Xگە نۆۋەتتىكى مودا ئۇسلۇب — پۈتۈن ئېكران ئىشلىتىلگەن، سېنزور بىلەن كامېرانى تېخىمۇ ياخشى سىغدۇرۇش ئۈچۈن، يانفوننىڭ «پېشانە»سىدە ئالايىتەن بىر «سېكىلەك» قالدۇرۇلغان. ئالما شىركىتى يەنە ئېكران ئۈستى قىسمىنىڭ ھالەت ئىستونىنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان. بىراق خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بۇنى تازا ياقتۇرمىدى، بەزىلىرى ھەتتا سەل نارازى بولدى، چۈنكى ئېكران ئۈستىدە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇرى (ياكى ماركا بەلگىسى)نى كۆرسىتىدىغان ھىچقانداق جاي قالمىغانىدى.

بىزگە مەلۇم، ئالما شىركىتى كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى سېتىپ چىقارغان iPhoneغا ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئاخىرقى ئۈمىدىنى پەقەت يانفوننىڭ «پېشانە»سىدىكى كىچىككىنە بوش ئورۇنغا باغلىغان. بىراق يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان iPhone X پۈتۈن ئېكرانلىق ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەنلىكتىن، كامېرا ۋە سېنزور يانفوندىكى بۇ بوش ئورۇننى ئىگىلىۋېلىپ، ئېكران ئۈستى تەرىپىدە ۋاقىت، كۆچمە تور سىگنالى، Wifi سىگنالى ۋە باتارېيە ئۇچۇرىنى ئاران كۆرسەتكۈدەكلا جاي قالغان. خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئېكراننى ئاستىغا سىيرىپ «ئۇقتۇرۇش مەركىزى»نى پەسكە چۈشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھالبۇكى بۇ خىل لايىھە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە ئانچە يېقىپ كەتمىدى.

ئەمەلىيەتتە ئالما شىركىتى ئىزچىل تۈردە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن، يىقىندا ئالما شىركىتىنىڭ سامسۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەۋھۇم SIM كارتىسى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئىسمىنى يانفوندىن چىقىرىۋېتىش ئالما شىركىتىنىڭ كېيىنكى «چوڭ ئىنقىلاب»ىنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ قانداق؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەۋلانىم6 كۈن ئىلگىرى

    ئالماسنىڭ گىپى توغرا يامىنى كەلسە بىر ئائىلە بۇزۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن ھى ھى

  • ؟世界你一个6 كۈن ئىلگىرى

    ئالماس نىڭ سۇزى ئۇرۇنلۇق ،,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,

  • بىر تامچە قان6 كۈن ئىلگىرى

    ئەگەر كارتىسىز دەۋىر يىتىپ كەلگەن تەقدىرىدىمۇ،دۆلىتىمىزدە يانفۇن ساتىمەن دەيدىكەن چۇقۇم دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە بوي سۇنىشى كېرەك،بولمىسا جۇڭگودا يانفۇن ساتالمايدۇ،مەۋھۇم كارتا ئىشلەتتى دىگەن تەقدىرىدىمۇ دۆلىتىمىزدىكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنى قوللىشى كېرەك،بولمىسا ئۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغان نەچچە مىليون خىزمەتچىلەر ئىشەك باقامدا.

  • قارانچۇق6 كۈن ئىلگىرى

    ئالماس نىڭ گىپىنى قوللاپ قۇۋەتلەيمەن 100نۇمۇر

  • نامسىز6 كۈن ئىلگىرى

    سېكىلەك دېگەن سۆزنى بەك جايىغا ئىشلىتىپسىلەر

  • قەشقەر ئوغلى6 كۈن ئىلگىرى

    بىزلەەر يىرىميىل ئىشلىسەك ئاندىن ئالتىكەنمىز بۇنى

  • دەۋران6 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن سىپتا كۆركەم چىقىپتۇ ، سەپلىملىرمۇ قالتىس ھەقاچان يامان يىرىزە باھاسى …
    10 مىڭ دىگەن ئاز گەپ ئەمەس ، ئېغىزدا دىمەك ئاسان بىراق شۇنچىلىك پۇلنىڭ تۇرمۇشتىكى باشقا ئورنىنى سەل قارىغىلى بولمايدۇ …
    ئالايلۇق 10 مىڭ يۈەنگە بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ بىريىللىق ئالىي مەكتەپ ئۇقۇش پۇلىغا يىتىپ يەنە بىردانە oppo R 11 سېتىۋالغىلى بولىدۇ ، تەشۋىقات ياخشى مال قارام … بۇ مەھسۇلاتنىڭ چىقىشى بەلكىم بەزى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قېلىشى ئېھتىمال …

  • ئوبۇل6 كۈن ئىلگىرى

    ئالماس ناھايتى توغرا تەھلىل قىلىپسىز

  • پايتەخت6 كۈن ئىلگىرى

    ھاھاھاھاھا الماس تورداشنىڭ گېپىگە …توغرا دەپتۇ

  • قەدرۇس6 كۈن ئىلگىرى

    ھاماقەت سامسۇڭ نوت 8 نى بىكاغا بىرىدىكەن شۇنى ئېلىپ ئىشلەتكەچ تۇرۇڭ كىينچە باھاسى چۈشسە ئېلىپ ئىشلىتىپمۇ قالاسىز

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号