باش بەت

ئەخمەتجان

1524يوللانما
67مەستانە

ئېرى يولدىن چىققان ئايال بالىسى بىلەن بىنادىن سەكرىۋالماقچى بولدى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:25 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇرلۇق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

9-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ زوئەنمېندىكى زوئەنپۇ قورۇسىدا، بىر ئانا بالىسى بىلەن بىنادىن سەكرىمەكچى بولغاندا، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ۋە ساقچىلار يېتىپ كەلدى. قىزچاق «ئاپا مېنىڭ سەكرىگۈم يوق» دەپ يىغلاۋاتاتتى. بۇ كۆرۈنۈش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ بىئارام قىلدى. ئۈچ سائەتتىن كېيىن، ئايالنىڭ ئېرى پەيدا بولدى ھەم پەستە تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئايالىدىن ئۇنداق قىلماسلىقنى ئۆتۈندى. قىزچاقنىڭ دېيىشىچە، ئاپىسى دادىسىنى «تالاغا قاراپ قالدى» دەپ گۇمانلىنىپ، بىنادىن سەكرىۋالماقچى بولغانىكەن. 

يېرىم كۈن شۇنداق تىركەشكەندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00 دە، ئالاھىدە ساقچىلار دېرىزە تەكچىسىگە سەكرەپ چۈشۈپ ئانا-بالىنى قۇتقۇزۇۋالغان، ئايال ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

دېمىسىمۇ بالىدا نېمە گۇناھ؟ قانداقلا ئىش بولسا بالىنى چېتىۋېلىشنىڭ ئورنى يوق-تە!

بۇ ئانىنىڭ راست سەكرىگۈسى بولسۇن-بولمىسۇن، بالىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىپ ئېرىگە تەھدىت سېلىش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ھەم شەخسىيەتچىلىك. ئەلۋەتتە، تالادا باشقا ئايالغا بۇزۇلۇپ، ئايالىنى بىنادىن سەكرەشكە مەجبۇر قىلىشمۇ ئەركەكنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. 


ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداقلا ئىش بولسا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ بالىلارغا ياخشى تەربىيە قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ قەلبىدە داغ قالدۇرۇپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号