باش بەت

ئەكبەرجان توختى

824يوللانما
102مەستانە

كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:40 6 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئاپوئېل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلىشىدۇ.

ئىسپانىيە «ماركا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىرىستىيانو رونالدو يېقىنقى بەش پەسىللىك گۇرۇپ مۇسابىقىسنىڭ تۇنجى ئايلانمىسدا جەمئىي توققۇز توپ كىرگۈزگەن.

پەسىل بېشىدا كىرىستىيانو رونالدو بەش مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنلىكتىن تېخى يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىگە قارىتا تېخى مەيدانغا چىقىپ باقمىدى، بۈگۈن كەچ يەنى ئەتە سەھەردە ئوينىلىدىغان ئاپوئېل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقسا بولىدۇ.

ئۆتۈپ كەتكەن بەش پەسىلىدە كىرىستيانو رونالدونىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسدىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان بولۇپ، بەش مەيدان مۇسابىقىدە توققۇز توپ كىرگۈزگەن.

بۇ توققۇز توپ تۆۋەندىكىچە:

2012/2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر شەھىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزگەن.

2013/2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە گالاتا ساراي بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ «قالپاق ئويۇنى ئوينىغان»

2014/2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بارسېل بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزگەن.

2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە دونسېت كان ئىشچلىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە  ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ «قالپاق ئويۇنى ئوينىغان»

2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى(لىسبون رىقابەت) بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 180******576 كۈن ئىلگىرى

    2017/2018_يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، ئاپوئىلغا ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق ئويۇنى ئوينىغان

  • Messi0076 كۈن ئىلگىرى

    رونالدونىڭ ئىپادىسىنڭ ياخشى بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئىشقىلىپ توپ كىرگۈزەلمىسىمۇ ئۆز ۋاراتارنىڭ ئالدىدا توپ قەيەردىن كىرىپ كېتەر قاراپ تۇرمىساڭلا بولدى.

  • قارام مەرگەن CF6 كۈن ئىلگىرى

    رونالدونىڭ توپ كىرگۇزەلمەي قېلشىدىن ئەنسىرەپ ئاۋال تۇغان ساغىلى تۇرۇپتۇ دب بەزىلەر (بۇ يەردە يۇك پويىزدەك ئىسىم قۇيۋالغانلارنى دىمەكچىدە)

  • رونالدو 76 كۈن ئىلگىرى

    رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى نېمەدېگەن ياخشىدۇ. ئۇ مەڭگۈ بىرىنجى

  • نوكەمپودا ھەسرەتتە قويۇپ بىرنابۇغا قايتىش (شامال)6 كۈن ئىلگىرى

    رونالدوتوپ كىرگۈزمەي مەيداندا قاراپ تۇرسىمۇ زور نەتىجە شۇ

  • ئەزىز6 كۈن ئىلگىرى

    سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا سىلو بۈگەن كەچ يەنە قالپاق كىيىدىغان چىراي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号