باش بەت

Saharqi

117يوللانما
1مەستانە

روللىس رويىس شىركىتى ئادەمسىز پاراخوت ئېلان قىلماقچى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:11 0 ئىنكاس چۈشتى

روللىس رويىس (Rolls-Royce) تىلغا ئېلىنسىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىيالىغا ھەشەمەتلىك ماشىنىلار كېلىدۇ. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روللىس رويىس شىركىتى ھازىر يېڭىچە تىپتىكى چارلاش، كۆزىتىش، سۇ مىناسىنى تازىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە ھازىرلىغان ئاپتوماتلاشقان ھەربىي پاراخوت لايىھەلەۋاتقان. بۇ پاراخوتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 25 مىلدىن ئارتۇق بولۇپ، 3500 دېڭىز مىلى دائىرە ئىچىدە ھەركەتلىنەلەيدىكەن.

روللىس رويىس شىركىتى نۆۋەتتە كەلگۈسى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئادەم مەشغۇلات قىلىدىغان پاراخوتلار بىلەن كىچىك تىپتىكى ئادەمسىز پاراخوتلارنى بىرىكتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئەنئەنىۋىي ئادەم مەشغۇلاتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە مەبلەغ تېجەپ قالىدۇ، بىخەتەرلىك دەرىجىسىمۇ يۇقىرى. ئەگەر پاراخوتتا ئادەم بولمىسا، بىرەر كاشىلا كۆرۈلگەن تەقدىردە كاشىلىنى رېمونت قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن روللىس رويىس شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ باشلامچى بولۇپ ئىشەنچلىك ئېلېكتىر ۋە ئىتتىرىش سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەل بولمىغان رېمونت مەسىلىلىرىنى ئازلاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ يېڭى تىپتىكى پاراخوتقا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تارقىتىپ، پاراخوتنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن يول يۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان. بۇ پاراخوتقا پۈتۈنلەي توك ئارقىلىق ئىتتىرىش سىستېمىسى سەپلەنگەن. ئاپتوماتلاشقان پاراخوت ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى مەخپىي تەتقىقات ئورگىنى DARPA بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك بىخەتەرلىك، سەھىيە ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنى ھەل قىلىش شىركىتى Leidos ھەمكارلىشىپ، ئاپتوماتىك ھالدا سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئەگىشىپ ئىز قوغلايدىغان ئاپتوماتىك پاراخوت لايىھەلەپ چىققان. بۇ«ئۇقۇم دەلىلى» ئادەمسىز پاراخوتقا كېتىدىغان مەبلەغنىڭ ئەنئەنىۋىي پاراخوتقا كېتىدىغان مەبلەغدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ھەرقانداق بىر ئاپتوماتىك پاراخوتقا چوقۇم تور ھۇجۇمىنىڭ خەۋپىدىن ساقلاش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە قوغداش خىزمىتى كېرەك بولىدۇ. كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە سېنزور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى شۇنداقلا پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل خەۋپ بارغانسېرى ئادەمسىز پاراخوتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى بولۇپ قالىدۇ. ھازىر بۇ خىل پاراخوتنى كىملەرنىڭ سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلمەك قىيىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号