باش بەت

ئادىلجان

5972يوللانما
34مەستانە

ئەڭ يېڭى R8 Spyder V10 plus ئاپتوموبىلى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:19 2 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا باشلانغان 2017-يىللىق فىرانكفورد ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئەڭ يېڭى R8 Spyder V10 plus (ئۈستى ئوچۇق) ئاپتوموبىلى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ ماشىنا ئەڭ يېڭى R8 ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلىنىڭ يۇقىرى قۇۋۋەتلىك نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا 5.2Lلىق FSI V10 ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 449kW، ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان 100km/hغا تېزلىنىش ۋاقتى 3.3 سېكونت. 

بۇ ماشىنىغا ئەڭ يېڭى جەمەت شەكلىدىكى سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە ماشىنا يېنىكلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كاربون تالالىق زاپچاسلار سەپلەنگەن، مەسىلەن: ماتور قاپقاق ۋە ئارقا ھاۋا ئېقىمىنى ئۈزۈش تاختىسى قاتارلىقلار. 

مەركىزىي كونترول سۇپىسى نىسبەتەن ئاددىي بولۇپ، چوڭ رازمېرلىق سۇيۇق كىرىستال كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسى ماشىنا ئىچىدىكى نۇقتىلىق رايون بولۇپ قالغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئىشىك ۋە ئورۇندۇقىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا قىزىل رەڭلىك تىكىش سىزىقى ئىشلىتىلگەن. 

بۇ ماشىنىغا 5.2L لىك FSI V10 تەبىئىي ھاۋا شورىغۇچى ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 449kW، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 560N·m، ئۇنىڭغا يەتتە خوتلۇق S tronic سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، quattro تۆت چاق قوزغىلىش سىستېمىسى سەپلەنگەن. ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان 100km/hغا تېزلىنىش ۋاقتى 3.3 سېكونت. ئەڭ چوڭ تېزلىكى 328km/h؛

باش سۈرەت تاللاش x
  • كانتونا1 ھەپتە ئىلگىرى

    چاياندەك ماشىنىكەنغۇ ، قالتېسكەن

  • 180******481 ھەپتە ئىلگىرى

    كاساپەت بەك چىرايلىق ھە.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号