باش بەت

شىرئەلى روزى

498يوللانما
59مەستانە

بۈگۈنكى جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلىقىدىكى ئەڭ قالتىس سەككىز ماھىر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 00:01 0 ئىنكاس چۈشتى

8. ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت

1996-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، ئېگىزلىكى 2.02 مېتىر، مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى، ھازىر شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىدا

بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە ئابدۇسالام ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيداندا 16 نومۇر ۋە 10.8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتەك قوش ئىككى خانىلىق نەتىجە ياراتتى، بولۇپمۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان 25 نومۇر 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتەك يارقىن نەتىجىنى يارىتىپ، كوماندىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىگە زور تۆھپە قوشتى. سۈرەتتە ئۇنى بىر توپ گۈزەل قىزلار ئورىۋالغان بولۇپ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەم كېلىشكەن، ھەم ئىقتىدارلىق ماھىردۇر!

7. جاۋرۈي

1996-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان، ئېگىزلىكى 1.94 مېتىر، مەيداندىكى ئورنى بېك، ھازىر گۇاڭدۇڭ خۇڭيۈەن كوماندىسىدا

جاۋرۈي دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كۆك كوماندىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى ئارقىلىق، جاۋ جىۋېينى سىقىپ چىقىرىپ، كوماندىنىڭ ئاساسلىق بېكىغا ئايلاندى. بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا تىيەنجىن كوماندىسى ئۈچۈن ئوينىغان جاۋرۈي لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە 32 نومۇر ئېلىپ، گو ئەيلۇن ۋە جاۋ جىۋېيدىن ئىبارەت دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىر جۈپ بېكىدىن غالىپ كەلدى. توپ مەستانىلىرىمۇ بەلكىم جاۋرۈي دۆلتىمىزدىكى ئەڭ ياراملىق بېكلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.

6. خۇ جىنچىيۇ

1997-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان، ئېگىزلىكى 2.10 مېتىر، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، ھازىر جېجىياڭ گۇاڭشا كوماندىسىدا

خۇ جىنچىيۇنىڭ بوي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى روشەن بولغاچقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئىنكاسى جانلىق، ئوتتۇرا ئارىلىقتىن توپ ئېتىش سېزىمى ياخشى بولغاچقا، ئۇ بىر ئىستىقبالى پارلاق ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ خۇ جىنچىيۇنىڭ مۇداپىئەدىكى ئاكتىپچانلىقى ئەينى يىللاردىكى ياۋمىڭغا ناھايىتى ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كوماندىنىڭ مۇداپىئەسىدىكى رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىش سۈرئىتى ياۋمىڭنىڭ 15 ياش ۋاقتىدىكىدىنمۇ تېز.

5. خەن دېجۈن

1989-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، ئېگىزلىكى 2.15 مېتىر، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، ھازىر لىياۋنىڭ كوماندىسىدا

خەن دېجۈننىڭ بەدىنى ناھايىتى قاۋۇل، ئاساسى تېخنىكىسى پۇختا، قەدىمى جانلىق، مۇداپىئەسى ۋە گاردىن قايتقان توپنى ئېلىشى ياخشى بولغاچقا ئۇ مۇداپىئە قىلىش ناھايىتى تەس ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، ئۇ گار ئاستىدە بەدەن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا ئارىلىقتىن توپ ئېتىپمۇ مۇقىم نومۇر ئالالايدۇ.

4. جوۋچى

 1996-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان، ئېگىزلىكى 2.16 مېتىر، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، ھازىر NBA دىكى خىيۇستون راكېتا كوماندىسىدا

جوۋچى بىر دارازا ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدا ئاسىيالىقلاردا كەم ئۇچرايدىغان ماسلىشىشچانلىق، يۆتكىلىش سۈرئىتى ۋە غۇلاچ ئۇزۇنلۇقى بار. ھازىر جوۋچى خىيۇستون راكېتا كوماندىسى بىلەن تۆت يىللىق توختام تۈزدى، دېمەك ئۇ كېلەر مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ، NBA نىڭ رەسمى بىر ئەزاسىغا ئايلاندى، ئۇ يەنە ياۋمىڭدىن كېيىن خىيۇستون راكېتا كوماندىسىغا قوشۇلغان يەنە بىر جۇڭگولۇق توپچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3. گو ئەيلۈن

1993-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان، ئېگىزلىكى 1.92 مېتىر، مەيداندىكى ئورنى توپ كونتىروللىغۇچى بېك، ھازىر لىياۋنىڭ كوماندىسىدا

ياۋمىڭ گو ئەيلۈنگە مۇنداق باھا بەرگەن :«گو ئەيلۈن توپ ئويناش ئۇسلۇبى ناھايىتى ئۆزگىچە بىر ماھىر، ئۇ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم شەكلىنى تېخىمۇ موللاشتۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ سۈرئىتى ياكى بەدەن ساپاسى بولماستىن بەلكى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ھۇجۇم ئىستىكىدۇر، بولۇپمۇ مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئالماشقاندا ئۇنىڭ رولى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇ مۇشۇنداق چاغلاردا نومۇر ئېلىپ، كوماندىنىڭ قاتمال ۋەزىيىتىنى ئوڭشاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ»

2. دىڭيەن يۈخاڭ

1993-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان،ئېگىزلىكى 2 مېتىر، مەيداندىكى ئورنى كىچىك ھۇجۇمچى، ھازىر شەندۇڭ كوماندىسىدا

دىڭيەن يۈخاڭ ھازىر CBA بىرلەشمىسىدىكى چەتئەللىك ماھىرلاردىنمۇ قېلىشمايدىغان يەرلىك ماھىر بولۇپ، ئۆز ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ھالدا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنىڭ دائىملىق مۇسابىقىسىدىكى «ئەڭ قىممىتى بار ماھىر» بولۇپ باھالاندى. بۇ يىل دىڭيەن يۈخاڭ ئامېرىكىغا بېرىپ، داللاس موزاي كوماندىسىغا ۋاكالىتەن يازلىق بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلدى، موزاي كوماندىسى گەرچە ئۇنىڭ بىلەن توختاملاشقۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق دىڭيەن يۈخاڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ توختىمىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.

1. يى جىيەنلىيەن

1987-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان، ئېگىزلىكى 2.13 مېتىر، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، چوڭ ۋە كىچىك ھۇجۇمچى، ھازىر گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدا

يى جىيەنلىيەننىڭ بۇ تىزىملىكتىكى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىشى شەك-شۈبھىسىز بولۇپ، مەيلى ۋاسكېتبول تېخنىكىسى، بەدەن ساپاسى ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولمىسۇن، يى جىيەنلىيەن يەنىلا جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى بايراقدار ۋەكىلى، جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ نومۇر ئېلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى، نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ئۇنى جۇڭگو ۋاسكېتبولچىقىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخىس دەپ قارايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号