باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10351يوللانما
781مەستانە

گۈزەللىك سالونىدا ئىزا-ئاھانەتكە ئۇچرىغان بودەك ئايال ئۆزى ئىگىلىك تىكلىدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 20:52 13 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

235 كىلوگىراملىق ھۆسن تۈزەش ئۇستىسى مەخسۇس بودەك ئاياللار ئۈچۈن گۈزەللىك سالونى ئاچتى. ئۇلارنىڭ چاچ ياساش ئورۇندۇقى 362 كىلوگىراملىق ئادەملەرنىمۇ كۆتۈرەلەيدۇ. «قۇياش گېزىتى»نىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 31 ياشلىق لامى لوپېزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 235 كىلوگىرام بولۇپ، ئىلگىرى لاسىۋىگاستىكى مەلۇم بىر گۈزەللىك سالونىدا ھاقارەتكە ئۇچرىغاچقا، Babydoll Beauty Couture ئورنىنى ئاچقان.

لامى مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ گۈزەللىك سالونىنى ئېچىشىمغا ئىلگىرىكى مەلۇم بىر گۈزەللىك سالونىدا ئاھانەتكە ئۇچرىغانلىقىم سەۋەب بولغان. مەن ئۇ يەرگە بېرىپ، ساتىراشقا سالام قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئولتۇرغىنىمدا، ئورۇندۇقتىن ئاۋاز چىقىپ سۇنۇپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەردىكىلەرنىڭ نەزىرى ماڭا تىكىلگەندە، نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم». «مەن بىلىمەن، بۇنداق ئازابقا پەقەت مەنلا بەرداشلىق بەرگەن ئەمەس، شۇڭا مەن بارلىق پۇلۇمنى يىغىشقا باشلىدىم»

«مەن بىر چۈش كۆردۈم، مېنىڭچە مەن بودەك قىزلارمۇ كىرەلەيدىغان گۈزەللىك سالونى قۇرۇشۇم كېرەك، چۈنكى مەن بىردىنبىر مۇشۇنداق كەچۈرمىشنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن كىشى». لامى لوس ئانژېلېستا تۇنجى گۈزەللىك سالونىنى قۇرغان بولۇپ، تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىغا 5 يىل بولدى. ئۇنىڭ تارماق دۇكىنى ھازىر نېۋادا ئىشتاتىغىچە كېڭەيدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، گۈزەللىك سالونى ھەربىر كىشىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار يەنە 362 كىلوگىراملىق كىشىلەرنىمۇ كۆتۈرەلەيدىغان ھۆسن تۈزەش ئورۇندۇقى ئورناتقان. «ئالاھىدە بودەك قىزلارنىڭمۇ گۈزەل بولغۇسى كېلىدۇ، بۇ يەردىكى ھەممىلا نەرسىنى مەخسۇس ياساپ مۇقىملاشتۇرۋەتكەن، شۇڭا ھېچقانداق خىجىلچىلىقتا قالىدىغان ئىش بولمايدۇ»، دېدى.

بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى گۈزەللىك سالونىغىمۇ  كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قارا رەڭ ۋە ئالتۇن رەڭدىن ياسالغان ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، قىزىل ئەتىرگۈل بىلەن مارلىن مونرونىڭ گۈلى بېسىلغان. لامى تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنى خۇددى خان جەمەتى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى، بەلكىم ئۇلارمۇ گۈزەللىك سالونلىرىدا بىر قىسىم ئىشلارغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەيدۇ، بۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، مەن ئۇلارنىڭ بۇ جايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە كىرگەندىكىدىنمۇ بەكرەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسكەن دەيمەن».

«ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ھەر قانداق جايدا گۈزەللىككە ئېرىشىشمىز كېرەك»، بۇ سالوندىكى خېرىدارلار ئاساسەن ئۇسسۇلچى، مودېل ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گۈزەللىك سالونىغا كىرىپ باقمىغانلار بولۇپ، دائىملىق خېرىدار بولۇش سۈپىتى بىلەن DiAnn Welman دېيىشىچە، ئۇ ئادەتتە ئۆزىگە شۇنچىلىك ئىشەنسىمۇ، بىراق يەنىلا ئەركىن-ئازادە بولالمايدىكەن. «تاكى مەن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئاندىن گۈزەللىك سالونىغا بارىدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەزەلدىن چېچىمنى ۋە تىرنىقىمنى ياسىتىپ باقمىغانىدىم».

«ئاجراشقاندىن كېيىن مەن تۇرمۇشۇمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتكەنىدى، مەن چوقۇم باشتىن باشلىشىم كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ياساشقا باشلىدىم. مېنىڭچە، ئۆي، ماشىنا ۋە ئۆي زىننەتلەش دېگەن ئىشلارمۇ مۇھىم، بىراق ھەقىقەت بۇنداق ئەمەس. بۇ يەرگە ئوخشاش، ئۇلار سىزنى چوڭ كۆرىدۇ، خۇددى خان جەمەتىدە تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا باشلايدۇ».

گۈزەللىك سالونىغا كەلگەن كىشىلەر قەغەز ئىستاكانلىق تورت ۋە ۋىسكى تاپشۇرۋالىدىغان بولۇپ، يەنە نۇرغۇن كىىشلەر نەچچە چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ ئاتايىن بۇ يەرگە مۇلازىمەتتىن بەھىرلەنگىلى كېلىدۇ. ئۇلار چېچىنى ياسىتىپ، گىرىم قىلىپ، تىرناقلىرىنى ياسايدۇ. دىئان تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «37.87 دوللار (تەخمىنەن 317 يۈەنگە باراۋەر) خەجلەپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ، بۇ يەرگە كېلىش ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيىدۇ»؛ تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەن خېرىدار كامىيا ۋىلليامىسمۇ ئۆزىنىڭ چوقۇم قايتا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ گۈزەللىك سالونىغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم، دېدى.

«بۇ يەردىكىلەر ئىنتايىن سالاپەتلىك، مەن ئىلگىرى بىر گۈزەللىك سالونىغا بېرىپ باققان، بىراق بەكلا سېمىز بولغاچقا، ئەمدىلا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشىمغىلا قوغلاندىم. شۇڭا مەن بۇ يەرنى بەكلا ياقتۇرىمەن، بەك راھەت».

ساتىراش Danielle Ramas مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم خېرىدارلار مۇلازىمەتتىن بەھىرلەنگەندىن كېيىن، ئىنتايىن خۇشال بولۇشىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپمۇ كېتىدۇ.

بىز ھەمىشە نۇر چېچىپ تۇرىمىز، مەيلى سىز زىيادە سېمىز بولۇڭ، ياكى قايسى ئىرقتىن بولۇڭ، ھېچقىسى يوق، بىز ھەمىشە ئۆزىمىزگە ئوخشاش گۈزەل ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىشنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز».

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • قار1 ئاي ئىلگىرى

    مەن 65 كىلو كىلىمەن ئۇرۇقلۇغۇم بار بىرخىل تۇرىۋالدىم

  • تەنھا2 ئاي ئىلگىرى

    سمز بۇلسۇن ياكى ئۇرۇق بۇلسۇن ئەڭ مۇھم ،ئەخلاق ،تالانىت ،ئقتدارلق بۇلسا شۇ يتەرلك ،م

  • 181******642 ئاي ئىلگىرى

    مەن سەمرىيەلمەي ئاۋارە ما گەپنى نىم دەي

  • قاينام2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق سىمىز ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە ئۇۋال ھە،ئۇخلىغاندا بىر ئۆرۇلسە ئىرى تۇنجۇقۇپ قالامىكى؟

  • ،1382 ئاي ئىلگىرى

    مەن سىمىز قىزلارغا ئامراق مىنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستۇممۇ سىمىز قەددى قامەتلىك سۇمباتلىق كىلىشكەن قىز ئدى

  • ÐãЯT正在删除中2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي ئاتام

  • گۈلسەنەم2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ئىنتايىن سەمىرگۈم بار

  • 139******442 ئاي ئىلگىرى

    كىم كەن ئۇ سىمزلەرنى كەمسىتىدىغان ئادەم دىگەن يىگەن ئىچكەندەك سۇقا سەندەلدەك بۇلىشى كىرەك،سالامەتلىگى ياخشى بولسا بولدى

  • ھەسرەتلىك قەلىب2 ئاي ئىلگىرى

    رامىلە نۇرداش ،سېمىز ئادەمگە ئۆچ دەپسىز كىمنىڭ سەمىرگۈسى با ،ئۇرۇقلايمىن دەپ ئۇرۇقلىغى بۇلامدا ،مەنمۇ تۇغۇتتىن كىىنلا سەمىرىپ كەتكەن بىر يىل بولدى ھازىر غىچە ئۇرقلىىيالمىدىم ،مەن ئۇنچىلىك سېمىز ئەمەس ئەمدى ،شۇ ئەسلىدىكى ئۇرۇق ھالىتىم يوق ،سېمىز ئادەملەنى كەمسىتمەيلى،

  • قىزىلگۈل2 ئاي ئىلگىرى

    ئورۇنداقلارنى ئېغىرلق جەھەتتە چىداملقنى ئىشلەتكەنگە قارغاندا ،بۇ گۈزەللەرنىڭ ئورۇقلاش خىيالى يوقتەك قىلدۇ …

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号