باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
23مەستانە

دائىم قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ئەر-ئاياللار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 20:55 4 ئىنكاس چۈشتى


ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ، تۇرمۇشتا دائىم قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ئەرئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان. يەنى، جورىسىدىن ئايرىلغان، نىكاھتىن ئاجراشقان، نىكاھ تۇرمۇشى كۆڭۈلسىز كىشىلەرنى سېلىشتۇرغاندا ئىجىل ئىناق ئۆتىدىغان، بىللە قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ئەر خوتۇنلار ئىچىدە ئەرلەر 12يىل، ئاياللار بەش يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان. قول تۇتۇشۇش قارىماققا ئىنتايىن ئاددىي ھەرىكەت، لېكىن ئەر خوتۇنلارنى يېقىنلاشتۇرۇشتا رولى بەك چوڭ، قول تۇتۇشۇش ئەر ئاياللار ئارىسىدىكى ئارىلىقنىلا ئەمەس، كۆڭۈل ئارىلىقنىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.

دائىم قول تۇتۇشۇپ يۈرگەندە، ناچار كەيپىياتى ئوڭشىلىپ، ئىممۇنىتېت  ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئەزا- توقۇلمىلارنىڭ قېرىشى كېچىكىدىكەن. ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى سىتىفىن قاتارلىقلارنىڭ يەتتە يىللىق تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان كىشىلەر ئائىلىدە ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ياكى ھېچقانداق يۈكى يوق كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئوبدان ياشىغان ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن. پروفېسسور سىتىفىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ئادەمنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىدۇر، بۇ تۈۋرۈك بولغاندىلا ئاندىن ياشاشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • نۇرھايات2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي بىچچارە س گ

  • gulzarim2 ھەپتە ئىلگىرى

    دوسلار مەن كونا نۇر تورىدىكى ئەتراپىمىزدا دىگەن سەھىپىگە كىرگىلى بەك ئامراقدىم يىڭىسىدە ئۇ يەر يوقما تاپالمىدىم،

  • .....2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى قىىلغان ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ و

  • س گ2 ئاي ئىلگىرى

    ئەمسە مەن ما ئۆمرۈمدە كۆپ ياشيالمايدىكەنمەن قول تۇتۇشۇپ ئەمەس يۈزمۇ يۈز قاراپمۇ تۇرالمايمەن قىزلاغا بولمىسا 22 ياش

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号