باش بەت

ئوغلان0996

2931يوللانما
12مەستانە

ياخشى دادا بولۇشنىڭ سەككىز ئۆلچىمى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:28 2 ئىنكاس چۈشتى

ياخشىدا دادا ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرىغا ھەمراھ بولىدۇ:

ئاتا بالىلىق مېھرى مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈشكە ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىدۇ، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ بىللە ئوينىسا، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھېسسىيات، مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بالىلارمۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزىدۇ، ئەكسىچە، ئالدىراشلىقنى باھانە قىلىپ، بالىلارغا كۆيۈنمىسە، مېھرى مۇھەببەتنى ئىپادىلەپ تۇرمىسا، بالىلار ئۆزلىرىنى تاشلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، جىمغۇر، ئوي پىكىرنى ئىپادىلىمەيدىغان، ھەممە نەرسىدىن بىزار بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ياخشى دادا ھەممە ئىشتا بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ:

ياخشى بىر ئاتا كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئۆزى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىسىغا تەربىيە قىلىشنى بىلىدۇ، بالىلارغا سەمىمىيلىكنى، قانداق ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى، مەسۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىتىدۇ. ئۆز ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن بالىلىرىغا ئەخلاقلىق، تىرىشچان، كەمتەر ئادەم بولۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ.

ياخشى دادا ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ قىلىشنى بىلىدۇ:

ھازىرقى دەۋردە تاماق ئېتىش يالغۇز ئاياللارنىڭلا ئىشى ئەمەس، ئەرلەرمۇ ئائىلىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئايالى ئاغرىپ قالغاندا ياكى يوق چاغلاردا بالىلىرى ئۈچۈن تاماق ئېتىپ بېرىشى زۆرۈر. بىللە تاماق ئېتىش، بىللە يېيىش جەريانىدا ئائىلە ئىللىقلىقىنى، خۇشاللىقىنى ئورتاق ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

ياخشى دادا بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ ماختاپ تۇرۇشنى بىلىدۇ:

ئەرلەر ئادەتتە ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە ئانچە ماھىر ئەمەس، لېكىن بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئاتىسىنىڭ ئۆزىگە ئېتىبار بېرىشنى، ياخشى قىلغان ئىشلارنى ماختىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بالىلارغا بولغان كۆيۈنۈشنى، ئامراقلىقنى ئىپادىلەپ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ قويسىڭىز، ئەركىلىتىپ بېشىنى سىلاپ قويسىڭىز ياكى مەڭزىگە سۆيۈپ قويسىڭىزمۇ، بالىلىرىڭىز چەكسىز ئىللىقلىق ۋە مېھرى مۇھەببەت ھېس قىلىدۇ.

ياخشى دادا بالىلارنىڭ ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىدۇ:

ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ئىناق بولسا ئەلۋەتتە ياخشى، لېكىن ئۆز ئارا قېيدىشىپ ياكى زىددىيەتلىشىپ قالغاندىمۇ بالىلىرىڭىز ئالدىدا قەتئىي چاندۇرماڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلىدىكى گەپ سۆزلىرى، ھەرىكىتى بالىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئائىلە مۇھىتى ياخشى بولسا، ئەر-ئايال ئۆزئارا ئىناق خۇشال ئۆتسە، بالىلارمۇ ئۆزىگە ئىشەنچى كۈچلۈك جۇشقۇن بولىدۇ، ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ، ھەمدە چوڭ بولۇپ، لايىق تاللاشتىمۇ ئاتا-ئانىسىنى ئۆلچەم قىلىپ تاللايدۇ.


ياخشى دادا بالىلىرىنى قائىدە ئىچىدە رەتلىك باشقۇرۇشنى بىلىدۇ:

بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئاتا قاتتىق قولراق بولۇشى، قائىدە ئىچىدە باشقۇرۇشى كېرەك، بالىلارنى بەكلا ئەتىۋارلاپ ، رايىغا بېقىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس، ئاتا بولغۇچى بالىسىغا توغرا خاتانى بىلدۈرۈشى، نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بەرمەسلىكى كېرەك . ئۇلارغا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ، تۇرمۇشنىڭ ياخشى يامان تەرەپلىرىنى بىلدۈرۈشى، خاتا قىلسا جازالاپ، ياخشى قىلسا  مۇكاپاتلىشى، بالىلىرى ئۈچۈن ياخشى غەمگۈزار بولۇشى كېرەك.

ياخشى دادا بالىلارغا سەۋرچان تەربىيەچى بولالايدۇ:

ئاتا ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى ھەم ئەڭ ياخشى ئۇستازى. ئانىنىڭ ئائىلىدىكى يۈكى ئېغىر، شۇڭا دادا خىزمەتتىن قايتقاندا بالىلارغا كۆپرەك يېتەكچىلىك قىلىشى، يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، توغرا ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ بېرىشى، تۇرمۇش قائىدىلىرى ھەقىقەتلىرىنى ئاددىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى، بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. بالىلىرى ئاتا ئانىسىنى قالتىس بىلىدىغان، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىدىغان، پەخىرلىنىدىغان بولۇشى كېرەك. ھەپتە ئاخىرىدا چۇقۇم بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆڭۈللۈك جەم بولۇشى، بالىلارنى يالغۇز تاشلاپ، تۈگىمەس چاي سورۇنلىرىغا قاتنىماسلىقى كېرەك.

ياخشى دادا بالىلار بىلەن بىللە ئۆگىنىدۇ، بالىلارغا دائىم كىتاب ئوقۇپ بېرىدۇ:

كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچىدىغان، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ، بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغان بالىلارنىڭ قىزىقىشى كەڭ، پىسخىكىسى ساغلام بولىدۇ، زېھنى ئوچۇق، مىجەزىمۇ ياخشى بولىدۇ، شۇڭا بالىلار بىلەن بىللە ئۆگىنىدىغان بۇ پۇرسەتنى چوقۇم تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ياخشى دادا بولۇش، بالىلىرىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ قالتىس، ئەڭ قابىلىيەتلىك ئادەم بولۇش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىڭ، ئائىلە بۇ دۇنيانىڭ جەننىتى، مېھرى مۇھەببەتكە تولغان ئىللىق ئائىلىمىزدە پەرزەنتلىرىڭىزنى سۆيۈشىڭىز، ياخشى تەربىيلەشىڭىز كېرەك، بالىڭىز پەخىرلىنىدىغان ئاتا بولۇش دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا خۇشاللىقىڭىزدۇر.

بۇ شەرەپلىك بۇرچنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئىشنى ھازىردىن باشلىسىڭىزمۇ تامامەن ئۈلگۈرەلەيسىز.


باش سۈرەت تاللاش x
  • سەزگۈر5 كۈن ئىلگىرى

    ئوغلۇم سىز ئۆزىڭىزنىڭ. قابىلىيىتىنى بىر كۆرسىتىش قابىلىيىتىڭىزنى بىر كۆرسىتىپ قويسىڭىز بولمامدۇ. شۇنداق بولغاندا. دادىڭىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشەلەيسىز.

  • مەستانە6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭ دادام ، شىئېر يازسام كۆچۈرۈپ يازدىڭما ، دەپ سورايدۇ . بۇ دىگەن مىڭنىڭ ئىچىدىن بىر مىسال ....

    ئىشقىلىپ مەن سوغۇق مۇئامىلىنىڭ تەسىرىدە تۇلۇق ئۆزگىرىپ بولدۇم ، قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号