باش بەت

ئوغلان0996

2931يوللانما
12مەستانە

قىزلار لايىق تاللاشتا دىققەت قىلىڭ: ياخشى ئەرنىڭ سەككىز ئۆلچىمى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:40 13 ئىنكاس چۈشتى


ھايات بەكمۇ قىممەتلىك، مۇھەببەت سىرلىق بولىدۇ، قىسقىغىنە ھاياتلىقتا ھەر قانداق بىر قىز ئۆزىگە ھەر جەھەتتىن ماس كېلىدىغان ياخشى لايىق تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن بىز دائىم تەربىيە كۆرگەن، ئۆزىمۇ چىرايلىق قىزلارنىڭ ياخشى يىگىتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ياخشى يىگىتنى تېپىش ئاسان ئەمەس، ياخشى يىگىت سىزنى ئىزدەپ كەلگەندە قەدىرلەشنى بىلمەي ياكى ئۆزىڭىزگە بەكلا ئىشىنىپ كېتىپ، ئۇنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز، بۇنداق يىگىتلەر باشقا تەلەيلىك قىزلارغا نېسىپ بولۇپ كېتىپ، ئارماندا قېلىشىڭىز مۇمكىن ياكى بىر ئۆمۈر ئەپسۇسلىنىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا قىزلار پۇرسەتنى تۇتۇشنى بىلىشى، ياخشى ئەر، ياخشى ھەمراھ تېپىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك. 

ياخشى ئەر دېيىشتە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئاساسلىق نىشان مېنىڭچە ئورتاق بولۇشى مۇمكىن، ھەر قانداق بىر قىز ئۆزىگە يۆلەنچۈك بولالايدىغان، كۆيىنىدىغان، مىھىر مۇھەببەتنى بېغىشلايدىغان مەسئۇلىيەتچان بىرىنى ئۆمۈرلۈك ھەمرا قىلىشنى خالايدۇ. ھازىرقى دەۋردە ياخشى ئەر ھېسابلىنىش ئۈچۈن مۇنداق سەككىز خىل ئۆلچەمگە چۈشۈشى كېرەك.

 ئايالغا دائىم ئىلھام بېرىدىغان، ئۇنى قوللايدىغان بولۇش، تەنقىدىي پىكىرنى ئازراق بېرىدىغان، ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك كۆرىدىغان بولۇش.

چىرايلىقچە قائىدە سۆزلەش، يوقىلاڭ ئىشلارغا چېچىلىپ، ۋارقىراپ جارقىراپ جېدەل قىلماسلىق، ئايالغا قېيدىماسلىق كېرەك.

ناچار ئادەتلىرى بولماسلىقى كېرەك، كونىلاردا قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ، دېگەن گەپ بار. ئاياللار كۆيۈنۈش، مېھرى مۇھەببەت ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ھاراق ئىچىدىغان، قىمار ئوينايدىغان، سىرتتا باشقا ئاياللار بىلەن ئارىلىشىدىغان، ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىدىغان ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىسا بەكمۇ ساددىلىق قىلغان بولىدۇ.

ياخشى ئەر ئۆزىنى كونترول قىلالايدۇ، ھەممە ئىشنى يولىدا، چەكتىن ئاشۇرۋەتمەي قىلىشنى بىلىدۇ.

مۇستەقىل قارىشى بولۇشى كېرەك، ئۆزىگە ھەم قارشى تەرەپكە مۇۋاپىق بوشلۇق، ئەركىنلىك بېرىشى، ئايالنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى، بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى، يول قويۇشى كېرەك.

ھايۋانلارغا ئامراق كىشى مېھرىبان كېلىدۇ، كۆيۈمچان مېھرى مۇھەببەت بېغىشلاشنى بىلىدىغان ئەر ئىشەنچلىك، ياخشى ئەر ھېسابلىنىدۇ، بىچارە ھايۋانلارنى كۆرسە تېپىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەرلەردە زوراۋانلىق خاراكتېرى بولىدۇ، بۇنداق ئەرلەر ئائىلىدە زوراۋان كېلىدۇ، ئايالغا مېھىر مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى، كۆيۈنۈشنى بىلمەيدۇ.

 تەنھەرىكەتكە قىزىقىدىغان پائالىيەتچان بولۇش. بۇ خىل ئەرلەردە باشقىلارنى قوغداش خاراكتېرى بولىدۇ، كۆپ خىل قىزىقىشى بارلار ئۆزىنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەشنى بىلىدۇ، ئائىلىدە ئايالنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ قىينىمايدۇ.

ياخشى ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسكەن، ئاتا ئانىسى ئىناق ئۆتكەن ئەرلەر ئاتا ئانىسىنىڭ تەسىرىنى سىڭدۈرگەن بولىدۇ-دە، ئايالىنى ھۆرمەتلەيدۇ. بالىلارغىمۇ ئۈلگە بولالايدۇ، ئەكسىچە مۇستەقىل قارىشى يوق، ھەممە ئىشتا باشقىلارغا بېقىنىدىغان، ھورۇن، مەسئۇلىيەتسىز بولسا، ھەمراھىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچىتىپ بىر ئۆمۈر قىينايدۇ. ياخشى، باياشات ئۆتۈشتىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ياش قىزلار لايىق تاللىغاندا، نوقۇل مۇھەببەتنى قوغلىشىپ قىزىققانلىق قىلماي، يۇقىرىدىكى تەلەپ بويىچە مەلۇم ۋاقىت بىر-بىرىنى چۈشىنىشىپ بېقىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھەمراھ تېپىشقا، بەخىتلىك بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ھۇررا5 كۈن ئىلگىرى

    ئاق كۆڭۇل ،،،، خاتىرجەم بۇلۇڭ ياخشى كىشلەرگە ئۆزىدىن ياخشىسى ئۇچرايدۇ .

  • Jan5 كۈن ئىلگىرى

    قۇرۇق گەپنىڭ پايدىسى يوق، ئەرگە تىگىمەن دەيدىغان ئەقلى ھوشى جايىدا قىز بولسا مەن بىرنى ئالاي، يىشىم يىگىرمىدىن ئاشتى توينى بالدۇر قىلغۇم بار، قىز تەييار بولسىلا قىزىل قەغەزنى ئالىمىز ۋە تۆت ئادەمنى گۇۋاھچى قىلىمىز يىتەر. ئارتۇق ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇشنى خالىمايمەن.

  • ئاقكۆڭۈل يىگىت6 كۈن ئىلگىرى

    ئاقكۆڭۈل قىز ، ئويلىغىنىمىز ئوخشاشكەن ، مەيلى ئىشنىڭ مەيلى ئىشەنمەڭ ، سىز دىگەندەك ئوغۇللارمۇ بار 。。

  • خۇمارە6 كۈن ئىلگىرى

    مۆرىمەس مۆڭ ئادەملەردىن يىراق تۇرغان ياخشى ،ئۇنداق ئادەملە يا خاپا قىلماي يا خوش قىلماي ئادەمنى ناھايتى بىئارام قىلدۇ،يا ئۈزى خوش بومماي يا كىشىنى خوش قىلماي

  • ئاق كۆڭۈل6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئۈچۈن پۇل مال دۇنيا بەك مۇھىم ئەمەس،كۆپ تەرەپلەردىن كىشلەرنى بەك سېلىشتۇرۇپمۇ كەتمەيمەن ،مەن ئۇيلايمەن مەن بىلەن تۇي قىلغان كىشى بىر ئۆمۈر كۆزۈمدىن ياش چىقارمىسا دەپ ،، بۇجاھاندا مۇشۇنداق كىشلەرمۇ بارمىدۇ ،بۇنداق دىسەم تۇرداشلار بۇقىز نىم دەيدىغاندۇ دەپ قالماڭلا ،مەن تىخى تۇي قىلمىدىم،تىخى ئاغزىدىن سۈت ھىدى كەتمىگەن بىر سەبىي قىز ،بەلكى بىر قۇشنىمىز بۇلدىغان يۇلدىشى بىر چىكەتسە 4-5كۇندە ئاران ئۆيگە كىلدىغان ،بىچارە ئايال شۇنچىلىك يىغلاپ ،ئاجىرشىپ كىتەي دىسە 2بالسى يىتىم بۇلدۇ ،ئاجراشماي دىسە يۇلدقشى پەقەت ئۇڭشالمىغان ،،،،مۇشۇنداق ئەرلەرنىڭ ،ئاتلارنىڭ،يىگىتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ،،،،ئۇلارنىڭ تىزراق شۇبىچارە ئايالى ۋە باللىرنىڭ كۈزدىكى ياشلىرنى ئۆز قۇلى بىلەن سۈرتۇشنى ئۆزنىڭ قىلغانلىرغا پۇشمان قىلىشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلمەن ،

  • جەزبىدار6 كۈن ئىلگىرى

    ھەي sas سىزنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىدىم، ئەگەر ئوغۇل بولسىڭىز توي قىلغاندىن كىيىن ئاتا ئانىڭىز ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرۋىتىڭ ئەگەر قىز بولسىڭىز باشقا ئاكا ئىنىلىرىڭىزغىمۇ دەپ قويۇڭ توي قىلسا ئاتا ئانىسىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرۋەتسۇن

  • مىرادىل6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە جەمىيىتىمىزدە ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەر كۆپ ئاز بىر قىسىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا.بەزەنلىرىمىز پۇلىنى دەپ ئۆيىنى دەپ ماشىنىسىنى دەپ ئاخسالىقىنى تاللاپ كىتىمىز.ئەنكىنزى 2 -3 يىلالا ئوي تۇتۇپ ئاجىرشىۋاتقان قايلىسا 1-2 چىمىگەن باللا يىتىم بولاۋاتقان.مىنىڭچە ئاددى ساددا كىشىلەرنى مەتۇ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۇر نامىراتلىتا ياشامدىم دەي دىغانلا ئاز ئەمەس.بەلكىم ئۆزەڭلە بۇنداق ئويلىمىساڭلا.قىسمەن بەزىلەرنىڭ ئۆيىدىكىلەر شۇنداق ئويلىشى مۇمكىن.مەبىتىڭ نىمىش قىلى دىكىن دەپ قىزدىن سورسا.توكچى.ياكى ئىش لەيدىكەن.ياكى كىچىكرەك ئىش ئوقەت قىلىدىكەن.دىسەڭلەر ۋى بىزسىنى مۇشتا گادايغا بىرىمىز دەپ چوڭ قىلدۇقما.دەيدىغان ئائىلىلەر كۆپ.بۇ ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.شۇ كىچىك ئىش ئوقەت قىلىپ شۇنداق ئاز مائاشقا ئىشلەپ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى تۇتىۋاتقانلىدۇر.قالغان تاللاش ئۆزەڭلىگە باغلىق. ئارزۇ باشقا تەغدىر باشقا.

  • Star Sky6 كۈن ئىلگىرى

    تەھرىركا بىر جاۋاپ بېرىڭە ، مەندە بارىنىڭ ھەممىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ چاپلاپتۇ ، ئەمما نېمىشقا ھازىرغىچە قىز دوستۇم يوق ؟

  • رەڭ6 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىسى مەنكەنمەنغۇ ، قىزلار كېلىڭلار ئىشەنمىسەڭلار ئارلىشىپ باقايلى

  • باھادىر6 كۈن ئىلگىرى

    شاش نۇرداشقا بىر بىلەت كەتتى توغرا پىكىر بىرىپتۇ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号