باش بەت

ئوغلان0996

2931يوللانما
12مەستانە

ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قانداق ئورنىتىش كېرەك؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:03 0 ئىنكاس چۈشتى

ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش پىسخىك ساغلاملىقنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى. خوش، ئۇنداق بولسا باشقىلار بىلەن بولغان ئۆزارا ئىشىنىش مۇناسىۋىتىگە قانداق ئورنىتىش كېرەك؟

قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشىنىش:

قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلسىڭىز، بۇ ئۆزىڭىزنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىزغا باراۋەر، قەدىر قىممىتىڭىز، ئېتىبارىڭىزنى باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى چۈشىنىش ئاساسىدا تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇڭ.

قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئېلىش:

مەن باشقىلار بىلەن ئالاقىلاشقان چېغىمدا دائىم ئۇلاردىن ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولسىڭىز، قانداق ئويلىدىڭىز دەپ سورايمەن، مېنىڭ بۇ سوئاللارغا مېنىڭ ئۇلارنى ئۆزۈم بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

قارشى تەرەپتە ئۈمىد ئۇچقۇنى چاقنىتىش:

ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بىر قىزچاق ئاپىسى ئۆزىنى ئەيىبلىسە، دادىسىنىڭ يېنىغا بېرىۋالىدىغانلىقىنى، چۈنكى دادىسى دائىم ئۇنىڭ بىلەن«قوزام تەمتىرىمە، مەن دېگەن سېنىڭ چوڭ ھەدەڭ» دەپ ئوينىشىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن. ئەمەلىيەتتە كىم بولۇشتىن قەتىينەزەر، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشسىلا ئىشلارنى ئامال قىلىپ تېخىمۇ ياخشى بەجا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ، چۈنكى قارشى تەرەپنى مۇۋاپىق پەيتنى تېپىپ ماختىسىڭىز، رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك ئىپادىدە بولۇشنى ئويلايدۇ.

مەغلۇبىيەتلىك كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بېرىش:

ئەگەر سادىر قىلغان خاتالىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىپ، مەغلۇپ بولۇشىڭىزدىكى سەۋەبلەرنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، قارشى تەرەپكە سەمىمىيىتىڭىزنى ھېس قىلدۇرالايسىزھەم ئۇنىڭغا يېقىن تۇيغۇ بېرەلەيسىز. شۇڭا، قارشى تەرەپكە سەۋەنلىكىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشتىن خىجىل بولماڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، بۇ سەمىمىيلىكىڭىز بەزىدە كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىڭىزدا ئاجايىپ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号